زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز ؟
ئالدى بىلەن زەھەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك ،چۇنكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدۇ، خۇمار بولۇپ قالسا، تاشلىماق ناھايىتى تەس .
ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان بولسا، ئامال بار تاشلاشقا تىرىشىش كېرەك .
ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ ۋاقتىنچە تاشلىيالماي قالسا، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مېتادون بىلەن داۋالاش تارماقلىرىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ.
ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ ۋاقتىنچە تاشلىيالمىسا ھەم مېتادون بىلەن داۋالالىنىشقا قولايسىز بولسا، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
ئەگەر زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ چېكىشتىن ساقلىنالمىسا ،ئۇنداقتا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.