ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز بىمارى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

ئەيدىز بىمارى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىز بىمارى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

1) ھەر قانداق ئۇششا ق-چۈششەك كېسەللىك ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر ئۆزىنى كېسەللىكتىن ساقلاش مۇھىم ،ئىمكان بولسا جىگەر ياللۇغى، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئەملىۋالسۇن .بولۇپمۇ تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

2)ئۇزۇقلۇق يۇقۇملانغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئېنىرگىيىنىڭ خورىشى ساغلام ئادەمدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، قۇۋۋەتلىك يىيىش، ئىلمى ئۇسۇلدا يىيىش، ھەر خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر تولۇق ھەم تەكشى بولۇشى زۆرۈر، ۋېتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.يېمەكلىك ۋە سۇنىڭ تازىلقى ئىنتايىن مۇھىم. يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن، مەسىلەن تاماكا، ھاراقتىن ئۆزىنى چەكلەش لازىم.

3) چېنىقىش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. 有氧运动,无氧运动 لارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆزىگە ميۇقىرىغا تارتىش، يەر بېغىرلاش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.تۇرمۇش رېتىملىق بولسۇن، دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت، ئەمگەكنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

4)پىسخىك ساغلاملىق بەك مۇھىم. يۇقۇملانغۇچى تۇرمۇشقا ئۇمىدۋارلىق بىلەن قارىسا، بۇ ئۇنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا پايدىسى بار. ئەگەر چۈشكۈنلەشسە ياكى تۇرمۇشتىن رايى يانسا، بۇ ئۇنىڭ كېسەل بولۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئۈمىدۋار بولۇپ، دوستلىرى بىلەن خوشال ئارلىشىپ ئۆتسە ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. دوستلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ياردىمى ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق. بەزىدە يۇقۇملانغۇچىلار بەك چۇشكۇنلىشىپ كېتىدۇ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇڭا ئۇلار داۋالاش ۋە مەسلىھەتلەرنى بالدۇرراق قوبۇل قىلغىنى ياخشى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:27:59

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ