ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەكشۇرۇش ۋاقتى

ئەيدىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەكشۇرۇش ۋاقتى

نۇرغۇن ئادەم ئەيدىزتىن ئىنتايىن قورقۇدۇ، بۇ قورقۇش ئۇگۇنۇش، خىزمەت جەريانىدا كەيپىياتقا ناھايىتى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ تۇۋەندە مەن كۆپچىلىككە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە ئازراق چۇشەنچە بېرىمەن ،ھەمدە كوپچىلىككە ئازراق پايدىسى بولۇپ قالسا دىگەن ئۇمۇتتىمەن

1. ئەيدىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەكشۇرۇش ۋاقتى :

ئەيدىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەكشۇرۇش ۋاقتى ،يۇقۇملانغان گۇماندار ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ، چۇنكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا دەسلەپكى مەزگىلدە نورمالسىزلىق كۆرىلىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا تەكشۇرۇپ كونتۇرول قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۇزىۋىتىدۇ، كىيىن تەكشۇرۇپ بىلگەندىن كىيىن كۆنتۇرول قىلىش ۋاقتى ئۆتۇپ كەتكەن بولىدۇ، داۋالاش ،كونتۇرۇل قىلىش تەسلىشىپ كىتىدۇ ،شۇڭا دەسلەپ بايقاپ كونتۇرول قىلغاندا باشقىلارغا يۇقۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

خەتەرلىك قىلمىشتىن كىيىن 2-4ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا HIV گە قارشى ئانتىتلارنى تەكشۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ ، دىمەك ئىككى ھەپتە ئىچىدە بايقاپ تەكشۇرۇپ دىئاگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ،ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ يۇقۇملانغۇچى 4 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ HIV گە قارشى ئانتىتلاسى يۇقۇرى ھەم مۇتلەق توغرا بولىدۇ .

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان گۇماندارنىڭ مەلۇم مەزگىللىك ئۆتكۇنچى كۆزنەك مەزگىلى بولىدۇ ،بۇ كۆزنەك مەزگىلىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى پەرىقلىق بولىدۇ ،بەزىلەرنىڭ 2ھەپتە بەزىللىرىنىڭ 3 ئاي بولىدۇ . كۆزنەك مەزگىل خاراكتىرلىك ھەركەت ياكى قان بېرىشتىن يۇقۇملانغان ۋاقتى ئادەتتە HIV نى ئېلىپ يۇرگۇچىنىڭ قان تەركىۋىدە ئانتىتلانىڭ شەكىنلىنىش ۋاقتى 45 كۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا بولىدۇ.خەتەرلىك ئىش ھەركەتتىن كىيىن قان زەرداۋى ئانتىتلاسى مۇسبەت ۋاقىتتا 2 ھەپتىدىن 8ھەپتىگىچە بولىدۇ، بۇ ۋاقىت دەل تەكشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. ئەيدىزنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدىكى تەكشۇرۇش بۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۇرۇش نەتىجىسى ئەمەس. دۆلىتىمىز مۇتەخەسسىلىرى كۆزنەك مەزگىل خەتەرلىك ئىش ھەركەتتىن كىيىن 3 ئاي ئىچىدە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. داڭلىق مۇتەخسىس مىڭ يۇن جېن دوكتۇرنىڭ ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆزنەك دەۋرىنى 6 ھەپتە يەنى 42 كۇن دەپ كۆرسەتتى. مەسلەن بىر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم 3 ئايدىن كىيىن قان زەرداۋىدا ئانتىتلارنىڭ پەيدا بولماسلىقى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا 3 ئايدىن كىيىنكى تەكشۇرۇش نەتىجىسى مەنفى چىقسا ،ناۋادا شەخىسنىڭ پىسخىكىسىدىكى قورقۇنۇش ئېغىر بولسا ياكى خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشى بار بولغانلاردىن باشقىلارنىڭ يەنە قايتا تەكشۇرتۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تەكلىپ: پەن تېخنىكا تەتقىقاتى كۆرسۇتۇدىكى،خەتەرلىك مەزگلىدىن كىيىن 2 -4 ھەپتىگىچە دەسلەپكى تەكشۇرۇش قىلىش، 4 ھەپتىگە توشقاندا نەتىجىسى مەنفى بولسا ،يۇقۇملۇنۇش نىسبىتىنى % 98 ئەتراپىدا شاللاشقا بولىدۇ؛ 8 ھەپتىگە توشقاندا قايتا تەكشۇرتۇش ،نەتىجىسى مەنفى بولسا، يۇقۇملۇنۇش نىسبىتىنى 99.99% ئەتراپىدا شاللاشقا بولىدۇ؛ 10 مىڭ /1 ئادەمدە كۆزنەك مەزگىلىدىكى 8 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە ،يۇقۇملۇنۇشنى %100 شاللاشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى 3 ئايدا قايتا قايتا تەكشۇرۇپ، نەتىجىسى مەنفى بولسا شاللاشقا بولىدۇ.

2. تەكشۇرۇش نەتىجىسى مۇسبەت بولسا،چوقۇم ئەيدىز بىمارىغا تەرەققى قىلامدۇ؟

ئادەتتە HIV دىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئىنتايىن تىزلا ئەيدىز بىمارىغا ئۆزگەرمەيدۇ، پۇتۇن باسقۇچ 3 بولەككە بولۇندۇ،بىرىنجى باسقۇچ ئۆتكۇر مەزگىلى بىلەن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، تەخمىنەن 2-3 ھەپتە .ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 ھەپتە بۇ مەزگىلدە قىززىش، باش ئاغرىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا تۇگۇنى چوڭۇيۇش قاتارلىقلار كۆرۇلىدۇ،ئىككىنجى باسقۇچ يۇشۇرۇن مەزگىلى يەنى ئۇزاق مەزگىللىك ئالامەتسىز مەزگىلى ئادەتتە 8-10يىل بولىدۇ ،بەزىدە تىزراق بولىدۇ .2 يىلدىن كىيىن كىسەللىك ئۆزگۇرۇش مەزگىلىگە كىرىدۇ ،ئاستا بولغاندا 10 يىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئىزچىل يۇشۇرۇن مەزگىلىدە تۇرۇپ كىسەللىك ئۆزگۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزگۇرۇش بولمايدۇ .ئۇچۇنجى باسقۇچ ئەيدىز كىسىلى باسقۇچى ئەيدىز ۋىروسى ئۆزلۇكسىز ئىممۇنىت سېستىمسىغا تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە CD4 ئۆزلۇكسىز تۆۋەنلەيدۇ، ئىممۇنىت سېستىمسى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ھەر خىل يۇقۇملۇنۇش ۋە ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، ئىغىر بولغاندا تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

3. قايسى ئۇسۇللار HIV نىڭ ئەيدىزگە تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالايدۇ؟

HIV دىن يۇقۇملۇنۇشنى كونتۇرول قىلغىلى بولىدۇ، ھازىرچە دەسلەپكى باسقۇچتا ۋىروسقا قارشى داۋالاپ كىسەلنى كونتۇرول قىلغىلى بولىدۇ، CD4 سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپ، ئىممۇنىت كۇچىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە بولىدۇ، گەرچە كىسەلنى تەلتۇكۇس ساقايتالمىسىمۇ، سىستىمىلىق داۋالاپ نورمال دورا ئىشلەتسە كىسەل كۇچۇيۇپ تارقىمايدىغان ھالەتنى ساقلاپ ھاياتقا زىيان يەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە HIV نى ۋە يۇقۇملۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، خەتەرلىك قىلمىشتىن يىراق تۇرساق ،ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرسەك ، HIVنىڭ كاشىلىسىدىن يىراق تۇرىمىز !

مەنبە: تور دۇنياسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-01 / 10:20:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ