ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تۇبېركۇليوز

ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تۇبېركۇليوز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ.

باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەل جەريانى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ – دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇش دەۋرى ئۇزىراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.

جىنسىي كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي كېسەللەرنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى  ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن قوش يۇقۇملىنىش كېسەل ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاللىقاچان تۇرغۇن ھالەتكە ئۆتكەن كونىرىغان تۇبېركۇليوز كېسەل ئوچاقلىرى قايتىدىن جانلىنىپ، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، قايتىدىن تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ، ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان نورمال ئادەم تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئۆمرىدە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئاغرىش پۇرسىتى %10 بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر يىلدىلا %10 بولىدۇ. تۇبېركۇليوزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئوخشاشماسلىقى شۇ يەردىكى، تۇبېركۇليوز ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ، سىستېمىلىق داۋالانسا، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاسالانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا  ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز ئاغرىقى تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. دېمەك، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-04-23 / 09:51:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ