تۆت تادۇ دىگەن نىمە؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى تۆت چوڭ ماددا يەنى ئوت، سۇ، تۈپراق ۋە ھاۋالارنىڭ قارىمۇ قارشى كەيپىپائىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدۇر. بۇ ئەھۋال ئىنسانلاردىلا بولماستىن ، بەلكى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردىمۇ شۇنداق. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈنۈپ ئۆسۈشىنى ئالىدىغان بولساق، تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئىسسىقلىق ( ئوت) نىڭ ئۈرۇققا بولغان ئۆزئارا تەسىرى بىلەن بولىدۇ. ئادەممۇ خۇددى شۈ تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسرىنىڭ بىرىكىشى بىلەن قۈۋۋەئى مۇغەيبىر، ( ئۆزگەرتكۈچى كۈچ) گە يولۇقۇپ، جىسمىيات (ئورگان) ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھال ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە « ئەجسامى بەسەت» دېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئورگانىزمغا داۋاملىق تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا قۇۋۋەئى نامىيە (ئۆستۈرگۈچى كۈچ) گە يېتىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەئى مۈسەۋۋىر( شەكىللەندۈرگۈچى كۈچ) بارلىققا كېلىپ، ئادەم سۈرىتى شەكىللىنىدۇ.

تۆت چوڭ ماددا ئىنسان بەدىنىدە تۆت كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇلار: رۇتۇبەت ( ھۆللۈك) ، يەبۈسەت ( قۇرۇقلۇق) ، ھارارەت ( ئىسسىقلىق) ، بۇرۇدەت ( سوغۇقلۇق) تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. مەسىلەن: بەدەندە ئىسسىقلىق بولمىسا ئوزۇقلۇق پىشمايدۇ ( پارچىلانمايدۇ) ، سۇيۇقلۇق بولمىسا ئوز ۇقلۇلار سۈمۈرۈلمەيدۇ. سۇبۇقلۇق بولمىسا بەدەندە ھاياتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ساپ ھاۋا بولمىسا ھاياتلىققا خەۋپ يېتىشتىن باشقا، مېڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئەقلى جايىدا بولماسلىق، تاماق تەمىنى سېزەلمەسلىككە ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. سوغۇقلۇق بولمىسا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، تۆت كەيپىيات ئادەمدە نورمال، باراۋەر بولۇشى لازىم. بىر -بىرىدىن كەم بولماسلىقى، ئارتۇق ياكى ناچار بولماسلىقى كېرەك. تۆت كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بىرى – بىرىگە قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە «مىزاھ› ھاسىل بولىدۇ.

«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى» دىن ئۈزۈندە
تۇردى مۇھەممەت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:11:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ