ئاشقازانغا كىرىش يولىدىكى كىلاپان: ئىنگىلىزچە: Cardia تۈركچە kardia ياكى Mide kapakcığı خەنزۇچە: 贲门 دەپ ئاتايدۇ.
خوش، بايا بىز يىگەن يىمكەلىكلەر قىزىلئۆڭگەچتىن بىخەتەر ئۆتۈپ ئاشقازانغا يېقىنلاشتى، ئاشقازانغا كىرىش ئېغىزىدا بىر كىلاپان بار، ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ كىلاپانى دەپمۇ قويىدۇ، يەنە بىر ئىسمى كاردىيە دەپمۇ ئاتايدۇ.
بۇ كىلاپان بەكلا مۇھىم. ئۇنىڭ رولى تاماقلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسىمۇ كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. يەنى بىزنىڭ ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسەللىكى. بىزدىن مەسلىھەت سورىغان ياشلارنىڭ تەڭدىن تولىسىدا بۇ كېسەللىك بار.
تاماقتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدە ئىچىشىپ ئاغرىش، ئېغىزدىن ئاچچىق سۇ يېنىش، تولا كېكىرىش، تاماقنى ئاز يىسىمۇ تويغاندەك گەلدە بىرنەرسە تاقىقشىىپ قالغاندەك ھىس بولۇش، چىش مىلىكلىرى چىرىش، ئاۋازى بوغۇق چىقىش، دەل مۇشۇ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ياشلار بۇ ئالامەتلەرنى يۈرەك كېسىلى ياكى ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ.
ئاشقازانغا كىرىش يولىدىكى پۈرمە مۇسكۇللار كلاپانىغا ئالاقىدار ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەر توغرىلىق بېكىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى تاپالايسىز.