ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەممىمىزگە مەلۇم ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئۈچ خىل بولىدۇ. يەنى قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلار. ئەمما بۇ ئۈچ خىل يولدىن يۇقۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ .

1. قان ئارقىلىق يۇقۇش – يەنى قان سېلىش ئارقىلىق يۇقۇش، بۇ خىل يۇقۇش ناھايىتى بىۋاستە بولىدۇ، ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ قېنىنى بەدەنگە قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ساق ئادەم يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. مەسلەن، دوختۇرخانىلاردا ئىشىپىرىسنى پاكىز دىزىنفىكسىيلىمەسلىك، چىش تارتىش سايمانلىرىنى پاكىز تازلىماسلىق، ئۇكۇل يىڭنىلىرىنى قايتا -قايتا ئىشلىتىش قاتارلىقلار ناھايىتى خەتەرلىك قىلمىشلاردۇر.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشچە قان ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى % 95 ~ % 100 كىچە بولۇپ، ناھايىتى بىۋاستە، ناھايىتى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش ھېسابلىنىدىكەن.  شۇڭا دوختۇرخانىلارغا كىرگەندە چوقۇم ھۆكۈمەت ئېتراپ قىلغان دوختۇرخانىلارغا كىرىش، تازىلىقى ياخشى بولمىغان، قارا دوختۇرخانىلارغا كىرمەسلىك كېرەك.

2.ئانىدىن بالىغا يۇقۇش – ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتە % 25 ئەتراپىدا بولۇپ بۇمۇ ئۆتكۈر يۇقۇش يوللىرىغا كىرىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇن چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك .

3.جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش – ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋەت قىلىشتىن يۇقۇش ۋە ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشلەرنىڭ % 75 ~ % 85 كىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغان.

ئەمەلىيەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنىڭ نىسبەت قىممىتى ئەڭ كىچىك بولىدۇ، يەنى ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى % 0.2، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتى % 0.03 ~ % 0.09 كىچە بولىدۇ ، ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلار مەقئەت ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، % 3دىن % 5 كىچە بولىدۇ، (يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق مۇناسىۋەت ). ئەگەر ئەر -ئايال ئىككى تەرەپتىن بىرسى جىنسىي كېسەل بولسا يۇقۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئەگەر ئەر تەرەپ خەتنىلىك قىلغان بولسا بۇ نىسبەت مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت بەك قاتتىق بولسا  ۋە ياكى ئايال تەرەپ ھەيىز مەزگىلىدە بولسا نىسبەت زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. توي قىلغان ئەر -خوتۇنلارنىڭ بىرسى ئەيدىز بولسا بىر -بىرىگە يۇقۇش نىسبىتى % 10 ئەتراپىدا بولىدۇ.  لېكىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق كېسەل يۇققان ئادەم سانى ھامان باشقا يوللار ئارقىلىق يۇققان ئادەم سانىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى مۇنداقچە ئېيتىقاندا، قان سالدۇرغانلار، ئىشىپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلەر گە قارىغاندا قانۇنسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلدىغانلار ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپ بولىدۇ.

ئەگەر بىر ساق ئادەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا چوقۇم يۇقۇملىنىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. يۇقۇش ئېھتىماللىقى پەقەت 1000دىن بىر ئۈلۈش بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىز كىشلەرنى قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىك ئەمەس. نىسبەت تۆۋەن بولغان تەقدىردىمۇ ئەگەر سىز تەلىيى كاج ئادەم بولسىڭىز، بىر قېتىملىق خاتا قەدەم تۈپەيلىدىن يۇقتۇرۋېلشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس ! ئەگەر سىز تەلەيلىك بولسىڭىز بىرەر قېتىملىق ناشايان ئىش تۈپەيلى يۇقتۇرۋالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنى بىلمەي داۋاملىق ناشايان ئىش قىلىپ يۈرسىڭىز ئەيدىز دېگەن بۇ ۋابا پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەن! ھەممىنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.

يەنە بىر ئەسكەرتىش شۇكى، بىخەتەرلىك قاپچۇقى مۇتلەق بىخەتەر ئەمەس. يەنى ئەگەر سىز ئىشلەتكەن قاپچۇق سۈپەتلىك مەھسۇلات بولسا، يىرتىلىپ كەتمىسە ياكى سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتمىسە، % 100 ئالدىنى ئالالايدۇ. ئەگە يىرتىلىپ كەتسە بۇ سىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتنى بەك قاتتىق قىلغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە يەنىلا يۇقۇرى بولغان يۇقۇش نىسبىتى ساقلانغان بولىدۇ.

ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئەمەلىي يولى قانداق بولىدۇ ؟

بىر يۇقۇملۇق كېسەل ساق ئادەمگە يۇقۇش ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ شەرت ھازىر بولۇشى كېرەك. 1) نيۇقۇش مەنبەسى،  2) يۇقۇش يۇلى، 3) ئاسان يۇقۇملانغۇچىلار. يۇقۇش مەنبەسى ئاشۇ ئاللىبۇرۇن كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغان تەننى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇش يولى بولسا ۋىرۇسنىڭ ساق تەنگە كىرىش يولىنى كۆرسىتىدۇ. ھالقىقلىق مەسلە شۇكى، ئەر ياكى ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا ئازراق بولسىمۇ قاناش يۈز بېرىشى كېرەك. يەنى زەكەر ئەتراپىدا ياكى ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدا ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ قاناش  يۈز بېرىشى كېرەك، ئاندىن بۇ قان ساق بەدەنگە كىرىشى كېرەك. 40 مىكرو لىتىر بولسىلا يۇقتۇرۇشقا يېتىدۇ، 40 مىكرو لىتىر دېگەنلىك ناھايىتى كىچىك بىرلىك بولۇپ، يىڭنە ئۇچىنىڭ نەچچە مىڭدىن بىرىگە تەڭ! ئەگەر ئادەم جىنسىي ئەزا پەردىلىرى يارىلانمىغان، ساغلام بولسا تېرە شىللىق پەردىلىرى ئۇنچىلىك ئاز ۋىروسنى توسۇپ قالالايدۇ. ئەگەر ساغلام بولماي قېلىپ ئاشۇ كىچىككىنە سۇيۇقلۇق پەردىدىن ئۆتۈپ كەتسىلا يۇقۇملاندى دېگەن گەپ! شۇڭا جىنسىي كېسەل بولسا، ئوخشاش جىنىسلىق بولسا، ھەيىز مەزگىلىدە بولسا ياكى قىزلىق پەردىسى بار بولسا ناھايىتى خەتەرلىك بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق مۇناسىۋەتتە چوقۇم قاناش يۈز بېرىدۇ ھەم ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

ئەيدىزنى تەكشۈرتۈش ۋاقتى:

خەتەرلىك ھەرىكەتتىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولسا بولىدۇ.  ئادەتتە بىر ئايدىن بۇرۇن تەكشۈرتسە يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئانتېتلا شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن توغرا بولماي قېلىشى مۇمكىن، ئەڭ توغرا تەكشۈرتۈش ۋاقتى بولسا تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە، چۈنكى ئالتە ھەپتە بولغاندا ئانتېتلا قۇيۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانتېتلانى تەكشۈرتكەندە يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقنى ئۇققىلى بولىدۇ. بىر ئايدىن بورۇن تەكشۈرتۈش ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەس، ھەم ئۈچ ئاي ساقلاپ تۇرۇشمۇ ئادەمنى پىسخىكا جەھەتتە ھالسىرىتىپ قويىدۇ. شۇڭا تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا تەكشۈرتۈپ  خاتىرجەم بولۇش كېرەك. ئەگەر يەنە خاتىرجەم بولالمىسا 3 ئايدىن كېيىن بىر تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. ئادەتتە ئالتە ھەپتىدە ساق چىققان ئادەم ئۈچ ئايدىمۇ ساق چىقىدۇ. چۈنكى ئانتېتلا شەكىللىنىش گىرافىكى ئالتە ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا يانتۇ سىزىق بويىچە ئۆرلەپ ئالتە ھەپتە بولغاندا ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ.

تەكشۈرتۈش ئۈچۈن چوقۇم ھەر قايسى ناھىيلىك ياكى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرىغا بېرىش كېرەك. چۈنكى بۇ يەر ھەقسىز ھەم نوپۇزلۇق. مەيلى بېيجىڭ شەھىرىدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى (فاڭيىزەن) بولسۇن ياكى كىچىك بىر ناھىيدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى (فاڭيىزەن) بولسۇن ھەممىسىنىڭ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بىر خىل ھەمدە ئوخشاشلا ئىلغار. چۈنكى ئەيدىز كېسىلى چاخچاق قىلدىغان مەسلە ئەمەس، شۇڭا دۆلەت بۇنىڭغا زور مەبلەغ سېلىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنى مەخسۇس سەپلەپ بېرىدۇ. تەكشۈرتكەندە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىلدۇ ھەم مەخپىيەتلىك ساقلىنىدۇ.

ئەگەر ئۇ يەرگە بېرىشتىن قورقسىڭىز، ئۆزىڭىز توردىن ياپېي، ئەيكاڭ  تەكشۈرۈش قەغىزى سېتىۋېلىپ قېنىڭىزنى تېمىتىپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .

مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى

قوشۇمچە ——————
تۈركىيىدە بولسا، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز بار يوقلۇقىنى دەسلەپكى باسقۇچتا بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر شۈبھى بولسا، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئالسا بولىدۇ.
بەزىلەر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ قان تەكشۈرۈش قىلىپ، ئۆزىدە ئەيدىز بار يوقلۇقىنى بىلىپ باققىسى كېلىدۇ. ئەمما جىددىي قۇتقۇزۇشتا قىلىنغان قان تەكشۈرۈش ئىچىدە ئادەتتە ئەيدىز تەكشۈرۈشى بولمايدۇ. شۇڭا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىپ ئەيدىز بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئاقىلانىلىق بىر پىلان ئەمەس. ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-02 / 09:24:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ