ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆزلۈكسىز ئوكسىدلاپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپ چىقىرىپ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى قوغداشقا مۇھتاج. چوڭ كىشىلەر تېنىدە ئوكسىگىننىڭ زاپاس مىقتارى 1500 مىللىلېتر ئەتراپىدا بولۇپ، پەقەت بىر نەچچە مىنوتلق سەرپىياتقا يەتكەنلىكتىن ئۆزلۈكسىز ھالدا سىرتتىن ئوكسىگېن قوبۇل قىلىپ ئېلىش لازىم.
ئوكسىگېن ئالمىشىش جەريانىدا ھەركۈنلۈكى 300-400 لېتر ئەتراپىدا CO2 ئىشلىنىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تۇرۇلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئورگانىزىم نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ.
ئادەم نەپەس ئەزالىرى ئارقىلىق سىرتتىن ئۆزلۈكسىز ھالدا ھاۋانى سۈمۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ CO2 نى چىقىرىپ تۇرىدۇ. نەپەس ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى مۇشۇ خىل ھاۋا ئالمىشىشنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت.
نەپەس ئەزالىرى بۇ خىل پائالىيەتنى ئورۇنلاش جەريانىدا، قان ئايلىنىش سىتېمىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇلار پاتولوگىيىلىك ھالەتتىمۇ ئۆز ئارا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. نەپەس سىتېمىسى قان تومۇر ۋە لېمفا ئارقىلىق ئەتراپ ۋە پۈتۈن بەدەن بىلەن باغلىنىدۇ. يۈرەككە قايتقان ئارىلاشما ۋېنا قېنىنىڭ ھەممىسى ئۆپكىدىن ئۆتكەنلىكتىن، نەپەس سىستېمىسى بىلەن قوشنا توقۇلما ۋە پۈتۈن بەدەن كېسەللىكلىرىمۇ ئۆز ئارا تەسىر كۆسىتىشىدۇ.
نەپەس سىتېمىسى ھەركۈنى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن 9000 لېتر ئەتراپىدا ھاۋا سۈمۈرۈۋالىدۇ. قاتتىق جىسمانىي ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ جەرياندا تۈرلۈك زىيانلىق گاز، چاڭ-توزاڭ ئاللېرگېن ۋە ھەر تۈرلۈك مىكروپ قاتارلىق كېسەل پەيدا قىلغۇچى فاكتورلارمۇ سۈمۈلۈپ كىرىشى مۇمكىن.
ئىچكى كېسەللىكلەر
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
بۇ كىتاپ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشرى 5-قېتىملىق باسمىسىغا ئاساسەن 1986-يىل 11-ئاي تەرجىمە نەشىر قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت ئېلى ئەيسا، ئابدىقادىر قەييۇم، ئىلغار سابىت
تەرجىمە تەھرىرى: غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررىكتور: ئېلى روزى
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە – نەشىر قىلدى
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)