-
غەرىپ مىدىتسىناسى دىگەن قانداق بىر داۋالاش سىستېمىسى؟
غەرىپ مىدىتسىناسى ئاساسلىقى بەدەننىڭ ئاناتومىيىلىك شەكلى ۋە فىزىئولوگىيىلىك رولىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولغاندا شۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. ھەم مۇشۇ ئىككى نۇقتىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىلغار پەن تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن بەدەن شەكلى، قان، ياللۇغ
غەرىپ مىدىتسىناسىنىڭ تارىخى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە جۇڭيى تىبابىتىگە قارىغاندا تارىخى قىسقا دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بەك بۇرۇنقى غەرىپ مىدىتسىناسى لاتىنچە، گىرىكچە، ئانگلوساكسونچە قاتارلىق تىللارنى ئىشلەتكەن مەدەنىيەتلەر ئېمپىراتۇرلاردىكى دوختۇرلار تىۋىپلار تەجرىبىلىرىنى يەتكۈنلەپ قىلغان. 1500 يىللىرىدىن تارتىپ تەجرىبىگە ئاساسىدا داۋالاشتىن ئاستا ئاستا خېمىيىۋىلىك تەجرىبىلەر، ئۈسكۈنىلەر بىلەن دىئاگنوز قويۇشقا باشلىغان.
-
غەرىپ مىدىتسىناسىدا كېسەللىكلەرنى قانداق تەكشۈرىدۇ، قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ؟
غەرىپ مېدىتسىناسى تەكشۈرۈش پرىنسىپى:
ئەڭ زىيان يەتكۈزمەسلىكتىن، ئەڭ زىيان يەتكۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش پىرىنسپى بىلەن تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقا تىرىشىدۇ.
1) كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش.
2) بەدەن تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى (قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش، بەدەننىڭ ھەرخىل ھالەت، تاشقى قىياپەتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تىڭشىغۇچ، قان بېسىمى ئۆلچىگۈچ، )
3) قان تەكشۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرەت، تۈكۈرۈك تەر تەكشۈرۈش، رېنتىگىن، سى تى…ۋە باشقا تەجرىبىخانا شارائىتى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش
4) ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش
-
غەرىپ مىدىتسىناسىدا تىببىي ئوقۇغۇچىلار قانچە يىل ئوقۇيدۇ؟ قايسى دەرىسلەرنى ئوقۇيدۇ؟
ۋەتەندە غەرىپ مىدىتسىناسى 5 يىل، 1 يىل تەييارلىقنى قوشۇپ 6 يىل بولىدۇ.
ئامېرىكا، كانادا 4 يىل ئومۇمىي پەننى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن دوختۇرلۇقنى تاللايدۇ،
تۈركىيە، 1-2 يىل تىل تەييارلىقى، 6 يىل مېدىتسىنا ئوقۇش بولىدۇ.
ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ ئوخشىشىپ قالىدىغان شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنجى يىل تىل تەييارلىقى، ئاكادېمىكنىڭ 1،2 يىللىرى ئاساسي بىلىم دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ.
ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، بىئوخېمىيە، پاتولوگىيە، دورىگەرلىك، مىكروبىئولوگىيە، .. ۋە بۇنىڭدىن سىرت قوشۇمچە كىچىك دەرىسلەر بار.
ئۈچىنجى يىل، تۆتىنجى يىلدا كلىنىك بىلىملىرىنى ئوقۇيمىز. ئىچكى كېسەللىك بىلىملىرى، تاشقى كېسەللىك بىلىملىرى، ئاياللار تۇغۇت كېسەللىكلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى، جىددي قۇتقۇزۇش كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، پىسخولوگىيە، تېرە كېسەللىكلىرى … قاتارلىق كلىنىكتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئۆتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇردوختۇر)