سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاياللارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى تاللىشى بىر خىل ئامالسىزلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ پەقەت ھاياتتىكى «كىچىك قىستۇرما» بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى نورمال تۇرمۇشقا ۋە كەلگۈسىدىكى بالا تۇغۇش پىلانىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت بولىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاشسا بولىدىكەن، ئەگەر يېرىم يىل ياكى بىر يىلدىن كېيىنمۇ ھامىلىدار بولالمىسا، ھامىلىدار بولالماسلىق كېسىلىدىن گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدىكەن.
ھامىلە چۈشۈرۈپ بىر ئايدىن كېيىن ھەيز كەلسە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھامىلە چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ پاكىز بولماسلىقى ياكى ھامىلە چۈشۈرۈشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ زەخىمىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئاياللار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت قان چىقىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە نورمال ھەيزنىڭ ئەسلىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاياللاردا ئادەتتە ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ھەيز ئەسلىگە كېلىدىكەن، بولمىسا بۇ نورمالسىز ئەھۋال بولۇپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.
مۇنداق بىر نەچچە خىل ئەھۋالدا بالا ئالدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئايغىچە ھەيز كەلمەسلىكى مۇمكىن. بىرىنچىسى بالا بالىياتقۇدا تولۇق تازىلانمىغان، تۆرەلمە يەنە يېتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ ئىككىنچى ھامىلە چۈشۈرۈش بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن بالىياتقۇ بوشلۇقى، بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق ئورۇنلار چاپلىشىپ قېلىپ ھەيز كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۈچىنچى ئاياللار ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، تۇخۇم چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، ئاياللار بۇ ئايدا دوختۇرنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشى چەكلەنگەن دېگەن كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلماي، دەرھال يەنە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر قېتىم ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
دوختۇر يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈپ تۇنجى ئايدىكى ھەيزى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈپ تۇنجى ئايدا ھەيز كەلسىلا، بۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىنتايىن نورمال ھالەتكە قايتقانلىقى، بالىياتقۇ بوشلۇقى ۋە بالىياتقۇ بوينى ھامىلە چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاياللار نورمال ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ياكى بالىلىق بولۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ.
ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ھامىلىدار بولالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ۋاقتىنچە تۇغۇش پىلانى بولمىغاچقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشنى تاللايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۆرەلمە يېتىلىشتىن توختاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بىر قىسىم ئاياللار دائىم يەنە بىر قېتىم تېزراق ھامىلىدار بولۇپ، بوۋاقلارنى «قايتۇرۇپ كېلىش»نى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈش سەۋەبىدىن ھامىلىدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، دوختۇر: «ھامىلە چۈشۈرۈش تۇخۇم نەيچىسىنى توسۇۋېلىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەيدۇ. تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، ئالدى بىلەن بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى بىرلەشمە ئوپېراتسىيەسىنى سىناپ كۆرۈپ، تۇخۇم نەيچىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى سىناپ بېقىش كېرەك، ئەگەر راۋانلاشتۇرۇشقا ئامال بولمىسا، پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشى بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قالغان بىمارلار پەقەت بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بالىياتقۇغا تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابى ياكى شارسىمان خالتا قويۇپ قايتا چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، دورا ئىشلىتىپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتى بولىدۇ. قىسمەن بىمارلارغا چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر، ھەتتا تەكرار چاپلىشىپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، كېيىن ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
شۇڭا ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈشكە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ھامىلىدار بولۇش پىلانى بولمىسا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالسىمۇ، ئامال بار تۇغۇشنى ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم جەزملەشتۈرەلمەيدۇ، دوختۇرمۇ بىمارغا بۇ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىمدا چوقۇم نورمال ھامىلىدار بولالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17717914.shtml