ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققوغۇننىڭ شىپالىق روللىرى

قوغۇننىڭ شىپالىق روللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە تۆۋەندە بىز قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى
قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى

ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

قوغۇن تەركىبىدىكى Bتىپلىق مۇرەككەپ ۋىتامىن ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە، ۋىتامىن Cئادەم بەدىنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، مىنېرال ماددا مانگاننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئېنزىم سۈپىتىدە سۇپېر ئوكسىد دىسمۇتازا ئېنزىمىغا ماسلىشىش تەركىبى بار. قوغۇن تەركىبىدە يەنە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ فلاۋون، مەسىلەن، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىنى قوغداش، ھەر خىل راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. قوغۇن تەركىبىدىكى ۋىتامىن Aنىڭمۇ ئۆپكە راكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

قوغۇن تەركىبىدە كالىي مىقدارى ئىنتايىن مول. كالىينىڭ بەدەننى قوغداش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمى نورمال ساقلاش رولى بار. قوغۇنىنى كۆپ يەپ بەرسە، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى ئازايتىپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى كۆپەيتىشكە پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، كالىي مۇسكۇللار تارتىشىشپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدىنىنىڭ زەخىملەنگەندىن كىيىن تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلايدۇ

« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا،بىر دېھقان بىر خىل ئالاھىدە تۈردىكى قوغۇنىنى باشقا قوغۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، سېسىپ كەتمەيدىغانلىقىنى مەقسەتسىزلا بايقىغان. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار بۇ خىل قوغۇننى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ خىل قوغۇن تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىنىڭ ھۈجەيرىگە زىيان پەيدا قىلغان ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىغا قارشىلىق تۇرالايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتە،كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاپتاپقا سېلىش ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر بۇ خىل قوغۇنىدىن شىرنىسى قۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان تابلېتكا دورا ياساپ چىقىلغان. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈشتىن باشقا يەنە، كىشىلەر كۈندە بۇ خىل تابلېتكا دورىنى يىيىش ئارقىلىق تېرىسىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆز ئاسراش، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە

قوغۇننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Aتېرە ساغلاملىقىغا پايدىلىق، كۆزىگە ئاق چۈشۈش خەۋپ – خەتىرىنى ئازايتىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ. قوغۇن تەركىبىدىكى ئېنىرگىيە ۋە ماي مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، مەسىلەن، ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بار. قوغۇننى يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، قوغۇن بەدەندىكى سۇ مىقدارىنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ئارتۇقچە ناترىينى چىقىرىپ تاشلىشىغا پايدىلىق

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ