ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلارئۆسمە بىمارلىرى ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى ئۈچ چوڭ خاتا قاراشتىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك

ئۆسمە بىمارلىرى ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى ئۈچ چوڭ خاتا قاراشتىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆسمە بىمارلىرى كېسىلىن داۋالاش جەريانىدا ناھايىتى چوڭ روھىي بېسىمدا قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بەزى خاتا كۆز قاراشلارغىمۇ ئىشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئۈچ خاتا كۆز قاراشنى بىلىۋالغان ياخشى:

ئۆسمە بىمارلىرى ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى ئۈچ چوڭ خاتا قاراشتىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك

بىرىنچى خاتا قاراش: ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك «ئۆسمىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرىدۇ»

ئۆسمە ھۈجەيرىسى نورمال ھۈجەيرە ئەمەس، بۇ غەيرىي ھۈجەيرىلەر تېز سۈرئەتتە بۆلۈنۈپ ئۆسىدۇ ھەم بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى «ئوغرىلايدۇ.» «ئاچ قالدۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى» ئورگانىزمدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە قوغداش رولىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئىككىنچى خاتا قاراش: قانچە ياخشى يېسە ئۆسمە شۇنچە تېز ئۆسىدۇ

ئوزۇقلۇق ۋە مېتابولىزمنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆسمىنى داۋالاش بولماستىن، بەلكى يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ياخشىلاش ئارقىلىق، مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، بەدەن ئىقتىدارىنى ساقلاپ، داۋالاش ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: مەخسۇس مەلۇم بىر خىل «ئوزۇقلۇق» يېمەكلىكنى يېيىش

ھەر خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبلىرى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، تۇخۇمدا ئاقسىل مول، خولېستېرىن بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بېلىق، راكلاردا ئاقسىل مول، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى تۆۋەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، كالا گۆشى تەركىبىدە تۆمۈر مول بولىدۇ، پالەك ۋە چىڭسەيدە تالا ماددىسى مول بولىدۇ، قارا ئاشلىق تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، تالا ماددىسى مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ… شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە خاس «ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى» بار، بىر خىل يېمەكلىكنىلا تولۇقلاش ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:49:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ