ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلار كۆپ يىيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

ھامىلدارلار كۆپ يىيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1.ئاچچىق ، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا – دەرمەكلەر : قىزىلمۇچ ، كاۋاۋىچىن ، قارىمۇچ ، ئارپىبەدىيان ، شاكال بەدىيان ، بەش خىل پۇراقلىق تالقان قاتارلىقلار ئۈچەيدىكى نەملىكنى ئاسان خورىتىۋەتكەچكە ، ئاشقازان بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئاشىقازان ئاغرىش ، ئۈچەي يولى قۇرغاقلىشىش ، گېموروي ، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

2.غىدىقلاش رولى بولغان يېمەك –ئىچمەكلەر : تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىق ، ھامىلدارلار يەنە قېنىق چاينى كۆپ ئىچسە ،  يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈرېتىدۇ .

3.تاتلىق يېمەكلىكلەر : ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەنتنى كۆپ يېسە ھامىلىگە چىش چىقىش ۋە ئۇستىخاننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ . شاكىلاتنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسىمۇ بولمايدۇ .

4.ئۆرۈك مېغىزى : ئۆرۈك مېغىزىدىكى ماددىنىڭ بالا ھەمراھىدىن ئۆتۈپ ھامىلىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۆرۈك مېغىزىنى يېمەسلىكى لازىم .

5.تېتىتقۇ:تېتىتقۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ، كۆپ مىقداردىكى سىنىكنى خورىتېۋىتىدۇ ، بۇ ھامىلە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .

6.قارا قېرىنقۇلاق : قارا قېرىنقۇلاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىسىز .

7.سېمىز ئوت : سېمىز ئوتنى ھەم دورا كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ ، بىراق ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى سوغۇق بولغانلىقتىن ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ . تېەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، سېمىز ئوت شىرنىسىنىڭ بالياتقۇنى غىدىقلاش رولى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ، ئاسانلا بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

8. ئۇزۇن ساقلانغان بەرەڭگە : بەرەڭگە تەركىبىدە بىيولوگىيەلىك ئىشقار بار . بەرەڭگىنى ئۇزاق ساقلىغانسېرى ئۇنىڭدىكى بىيولوگىيەلىك ئىشقارنىڭ مىقداردىمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ .

9.ئادەمگىياھ : ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلغاندا ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ، مەنپىيلىكنى خورىتىدۇ ۋە سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .

10.تەركىبىدە خۇرۇچ بولغان يېمەكلىكلەر : كونسېرۋادىكى خۇرۇچ غەيرىي ھامىلە ۋە بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل ، شۇڭا ھامىلدارلار كونسېرۋا يېمەكلىكىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم . پىلتە قۇيماقنى پىشۇرۇش جەريانىدا قوشۇلىدىغان زەمچە بولسا تەركىبىدە ئاليومىن بولغان ئانورگانىك ماددا بولۇپ ، ئۇ بالا ھەمرايى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كىرىپ ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار مەزگىلىدە پىلتە قۇيماق يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك .

11.لامنارىيە :لامنارىيەنىڭ يۇمشىتىش ۋە چىڭىتىش رولى بار بولۇپ ، ئويۇپ قالغان تالقاننى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە ئېرىتىدۇ ، شۇنداقلا ھامىلە چۈشۈپ قېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:55:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ