ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن قىچىشىشقا سەل قارىماڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن قىچىشىشقا سەل قارىماڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن ئاياللاردا ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىش سەۋەپلىك بەدەن قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ , بۇ خىل بەدەن قىچىشىش ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتدۇ . بۇ مېدىتسىنا ئىلىمىدە ھامىلىدارلىقتا ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىش كېسىلى (ICP, intrahepatic cholestasis of pregnancy) دەپ ئاتىلدۇ.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن قىچىشىشقا سەل قارىماڭ


يېقىنقى يىللاردىن بويان بۇ خىل بەدەن قىچىشىش تېببىي مۇتەخخەسىسلارنىڭ يۈكسەك دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان . بۇنىڭ سەۋەبى ، ھامىلدارلىقتىكى يەل دېگەن كۆزقاراشقا بولغان ئىزدىنىشلار ھازىرغا قەدەر قايىل جاۋابنى روياپقا چىقىرىلمىغان ئىدى .لېكىن كۆپلىگەن كۆزقاراشلارئانىلىق ھورموننىڭ زىيادە يۇقۇرلىقى سەۋەپتىن، ئۆت سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇشى مۇمكىنلىكى، ۋە بۇ سەۋەپلىك بەدەندە قىچىشىش پەيدا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 

بۇخىل كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە قانداق تەسىرى بار؟

1.ھامىلدار ئايالنىڭ پۇت ،قول،يوتا،قورساق قىسىمىنىڭ تېرىسى قىچىشىش تاتلاش سەۋەبى بىلەن يارلىنىپ يۇقۇملىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ ھەم دەم ئېلىشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.

2.ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ.ھامىلىنىڭ يىتىلىشى بىلەن ھامىلدارلىق ئاي سانى ماس كەلمەيدۇ.

3.ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.

4.ھامىلدار ئايالنىڭ مىكرو قان ئايلىنشى ياخشى بولمايدۇ.كىچىك ئارتېرىيە سىپازمىلىنىش تەسىرىدە بالا ھەمراھى بىلەن ھامىلە ئوتتۇرسىدىكى قان ئايلىنىش تەسىرگەئۇچىرايدۇ(نورمال ئەھۋالدا ھامىلىگەھەر مىنۇتتا 600ml–350mlقان يېتىپ بارىدۇ) بۇنىڭ بىلەن ھامىلە بالياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. تۇغۇت دەۋرىدە بالا بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە كۈچلۈكبېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي،تۇنجۇقۇپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن جىددى قۇتقۇزۇش زۆرۈريىتى تۇغۇلىدۇ.قان تومۇرلىرى چۈرۈكلىشىدۇ؛زەخمىلەنگەن جاي ئاسان قانايدۇ.بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ياخشى بولمايدۇ ؛چوڭ قاناش يۈز بېرىدۇ.

 

بۇ خېل كېسەللىكدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئانا بىلەن ھامىلىگە بولغان زىيانلىق تەرىپىنى چۈشۈنۈپ يېتىش، بۇكېسەلگە قارىتاتوغرا تونۇشنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ھامىلدار ئايالنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈپ،ئۆت كېسلاتاسىنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ جىگەردە يىغىلىش ئەھۋالىنىڭ بار -يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش پىرىنسىپىنى قوللۇنۇش، ھەمدە35ھەپتىدىن كېيىن شارائىتى بار چوڭ دوختۇرخانىلاردا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. ھامىلىدار ئايالمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشۈنىشى ئىقتىسات يار بېرىدىغانلار بولسا تەكشۈرتۈش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسىمۇ بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ