ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن بۇ بىر قانچە ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن بۇ بىر قانچە ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مول تەجرىبە، يېقىنچىلىق، گەپ-سۆزلەرنى جايىدا قىلىش بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھالبۇكى بەزى ياشانغان ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇھەببەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بەزى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلمىسا، بەزى كىچىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، جىنسىي گۈزەللىك ۋە ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىشنى كۆرۈپ باقايلى

شەخسىي ئەزانى يۇيماسلىق

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن شەخسىي ئەزانى پاكىز يۇيۇش كېرەك. ئەرلەرنىڭ خەتنىلىكى بىلەن قاسىراقچىلىرى ئارىسىدا دائىم كىر بولىدۇ، ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن پاكىز تازىلىمىغاندا، باكتېرىيەلەر ئاسانلا ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىپ كېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىدا نۇرغۇن پۈرمىلەر، تەر بەزلىرى، تېرە ياغ بەزلىرى ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى بولۇپ، ئاسانلا غەيرىي پۇراق پەيدا بولىدۇ.

ھاراقنى كۆپ ئىچىش

ھاراقنى كۆپ ئىچىش جىنسىي مۇناسىۋەتكە ياردەم بېرىدۇ دەيدىغان ئىلمىي ئاساسىي يوق گەپ دائىم ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھاراقنى كۆپ ئىچىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە پايدىسى يوق، ئاندا-ساندا بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقى كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن بىلەن لېكىن ھاراقنى كۆپ ئىچىش جىنسىي قانائەتلىنىشنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ھاراق ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھاراق ئىچكەن ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تېخىمۇ بالدۇر «ئىشنى تۈگىتىدۇ». چۈنكى ئىسپىرت جىنسىي قوزغىلىش ۋە جىنسىي ئورگانىزىمغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلايدۇ.

كۆكتات، پۇرچاق ۋە دانلىق زىرائەت قاتارلىق نۇرغۇن ساغلام يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش

گەرچە بۇ نەرسىلەرنى يېيىشنىڭ پايدىسى بولىسىمۇ لېكىن كۆپ يەۋېلىش جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئوسۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل «جىنسىي خىجىللىق»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر ۋە باشقا يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسى قانچە كۈچلۈك بولسا، جىنسىي ھۇزۇر شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى قورساق تويغاندىن كېيىن ئۈچەي يولى تولۇپ، چوڭ مېڭە ۋە باشقا ئەزالارنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايدۇ، جىنسىي ھۇزۇرنى غىدىقلايدىغان نېۋرونمۇ تولۇق ھاياجانلىنالمايدۇ. لېكىن ئاچ قورساق ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئادەم جىسمانىي كۈچ يېتىشمىگەنلىكتىن قانائەتلىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا ئازراق تاتلىق تۈرۈم يەپ ئاندىن كارىۋاتقا چىقسا تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى كىچىك بىر پارچە شاكىلات يېسە، سېروتونىن سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەيپىياتنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئۇنتۇپ قېلىش

پىشىپ يېتىلگەن جىنسىي مۇناسىۋەت مەسئۇلىيەتچان، بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر بالىلىق بولۇش پىلانىڭىز بولمىسا، چوقۇم گاندون تەييارلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر ئاياللار سىلىقلاش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، سىلىقلاش مېيىنى قولايلىق جايغا قويۇش كېرەك.

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئاغرىنىش ياكى كەيپىياتنى ياخشىمىلاسلىق

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ھەددىدىن زىيادە ئاغرىنىش خاراكتېرىنى تۈگىتىش، سەلبىي مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. بۇ سۆزلەر ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ خۇشاللىقىنى يوق قىلىدۇ، ھەتتا جىنسىي ھەۋىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25795669.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-06 / 06:46:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ