توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى كىشىلەردە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ:
1. كىرىستالنىڭ كۆمۈرچەكتە ياكى بوغۇملاردا تىنىپ قېلىشى بوغۇملارنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنى ۋە ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بوغۇم ۋە بەل ئاغرىيدۇ، سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرى بوغۇم ۋە بۆرەككە يىغىلىپ قېلىپ، بوغۇملار ئىششىپ ئاغرىيدۇ ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەل ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.
3. كۆپ ئۇسساش، ئىششىش، كېچىدە كۆپ سىيىش.
يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، قان شېكىرى ئۆرلىسە پۈتۈن بەدەندە ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىز ۋە تىل قۇرغاقلىشىدۇ ۋە ئۇسسايدۇ، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى يەنە بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈپ، بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىسمەن سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېنىك بولغاندا قاپاق ۋە پاقالچاق سۇلۇق ئىششىيدۇ، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، يەنە سۈيدۈك چىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېچىدە سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىپ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سۇسلىشىدۇ ياكى سۈيدۈك دۇغلىشىدۇ، بۇ سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ بۆرەكنى زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17898856.shtml