ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق ( Postpartum depression ) نى داۋالاش ئۈچۈن تۇنجى ئېغىزدىن ئىچلىدىغان دورىنى تەستىقلىدى. بۇ كېسەللىك ھەر يىلى ئامېرىكىدىكى مىڭلىغان يېڭى ئانا بولغان خانىملارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بۇ جۈمە كۈنى(2023-08-04)، تۇغۇت ياكى ھامىلىدارغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلگەن قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارغا، زورزۇۋا ( Zurzuvae ) ئىسىملىق ئېغىزدىن ئىچىلىدىغان دورىنى كىلىنىكتە ئىشلىتىشكە تەستىقلىدى. دوختۇرلار بۇ دورىنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ 14 كۈنلۈك ھەركۈندە بىر تالدىن ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن رېتسىپ يېزىپ بېرەلەيدىكەن.
FDA روھىي كېسەللىكلەر دېرىكتورى دوكتور تىففانى فارچىئون (Dr. Tiffany Farchione) باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئېغىزدىن دورا ئىشلىتىش بۇ كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان ئاياللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان چۈشكۈن ھېسسىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى پايدىلىق تاللاش بولىدۇ».
تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى ھەريىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 400،000 ئادەمگە تەسىر قىلىدىكەن، گەرچە كۆپىنچە ئانىلاردا تۇغۇتتىن كېيىن بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدىغان بولسىمۇ ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئانىلاردا بولسا نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى توغرا دىئاگنوز ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەچكە، ئۆزىگە، بوۋاققا ھەتتا ئەتراپتىكىلەرگە زەخىم يەتكۈزۈش ھەتتا ئۆلۈمگە ئوخشاش خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يېڭى ئىشلىتىشكە ماقۇللانغان دورىنى Sage Therapeutics شېركىتى ئىجاد قىلغان بولۇپ، 2019-يىلى ئەسلى بۇ خىل دورىنىڭ تومۇردىن بېرىلىدىغان شەكلىنى كىلىنىكىلىق داۋالاشقا ئېلىپ كىرگەن ئىكەن. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، تومۇردىن بېرىدىغان شەكىلدىكى دورا باھاسى قىممەت، ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل شەكىلدە بېرىلىشى ۋە بەزى رايونلاردا ئېرىشىشكە ئاسان بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمىگەن ئىكەن.
FDA ئىككى شىركەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ زورزۇۋا ( Zurzuvae ) دورىنى تەستىقلىغان بولۇپ، زۇرزۇۋانى ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى باشقا دورىلارنى ئىشلەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاز بولغان ياكى ئازايغان.
سەھر ماكماخون ئىسىملىك 39 ياشلىق خانىم، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىككىنچى قىزى تۇغقاندىن كېيىن تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھامىلدار قېلىشنى ۋە بالا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەمما بالىلىرى بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان. سەھر خانىم بۇ سەۋەپتىن بۇ دورىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناققا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە، سەھر خانىم ئۇ چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى، بالىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور كىمبېرلىي يونكېرس زۇرزۇۋا بىمارغا تەسىرىنىڭ «كۈچلۈك» ئىكەنلىكىنى ، بۇ دورىنىڭ بەلكىم باشقا خامۇشلۇققا قارشى دورىلار ئانچە پايدا قىلمىغان ئاياللارغا بېرىلسە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سىناق ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشمىغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «FDA مەركىزى ساگې شىركىتىدىن مەزكۇر دورىنىڭ ئىشلىتىلىش مەزگىلىدە، ئىشلەتكەن بىمارلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىز قوغلاپ تەشكۈرۈش، زىيارەت قىلىش، دورا تەسىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك».
تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى، ھېلىھەم پۈتۈن دۇنيادىكى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان روھىي كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى، تۇغۇتتىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئانىلاردا پاسسىپ روھىي ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئالامەتلەر ئاساسلىقى، بوۋاقنىڭ يېنىدا بولۇشنى خالىماسلىق، بوۋاقنى ئۆچ كۆرۈش، بوۋاقنى ئەمدۈرگۈسى كەلمەسلىك، بوۋاق بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىق، ئەتراپتىكىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، تۇرمۇشتىن زارلىنىش… بۇ پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار سەۋەپلىك ھەتتا ئۆزىگە، ئەتراپىغا زەخىم يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: ۋاشىنگىتون پوچتا
تەرجىمە ۋە تەھرىر: نۇرمەمەت دوختۇر