ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەردىئابېتھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسى دىيابېت كېسىلىنى %100 ساقايتالامدۇ؟

ھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسى دىيابېت كېسىلىنى %100 ساقايتالامدۇ؟

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«غول ھۈجەيرە دىيابېت كېسىلىنى%100 داۋالايدۇ» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز تېببىي ئىلىم ساھەسى ۋە ئامما ئارىسىدا غايەت زور دولقۇن پەيدا قىلدى. بۇ سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «%100 دىيابېت كېسىلىنى ساقايتقىلى بولىدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلىنمىدى. لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاسىتە ۋە ماقالىلەر غول ھۈجەيرىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ «ئاجايىپ ئۈنۈمى»نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟

ھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسى دىيابېت كېسىلىنى %100 ساقايتالامدۇ؟

غول ھۈجەيرە ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل ھۈجەيرە. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئۇنىۋېرسال دېتال βغا ئوخشاش، بەدەندىكى ھەرقانداق بىر ھۈجەيرىگە، جۈملىدىن دىئابىت بىمارلىرىدا ئەڭ كەمچىل بولغان ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىگە ئايلىنالايدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، غول ھۈجەيرە ئارقىلىق بۇ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچە ھۈجەيرىسىنى قايتا «ياساپ» چىقساقلا، بەدىنىمىزنى «ئىنسۇلىن ياساش» زاۋۇتىغا قايتۇرغانلىق بىلەن باراۋە. بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ بىر قاتار تەتقىقاتلار بارلىققا كەلگەن.

سىتانفورد داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىمۇ 2022-يىلى تۇغۇندى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ، دىيابېت كېسىلى چاشقىنىنىڭ تېنىگە كۆچۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقارقىدەك تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا ھايۋانات مودېلى ياكى كىچىك كۆلەملىك كىلىنىكىلىق تەجرىبە باسقۇچىدا تۇرماقتا. يەنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ھەقىقىي تەستىقلىنىشتىن خېلى ئۇزاق يولنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

نېمە ئۈچۈن دىيابېت كېسىلىنى «يىلتىزىدىن ساقايتىش» شۇنچە تەس؟

دىيابېت كېسىلى پەقەت قان شېكىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئۇ مېتابولىزم، ئىممۇنىتېت، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىگە چېتىلىدىغان چوڭ سىستېمىلىق كېسەللىك. بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىغا تايىنىپ مەسىلىنى بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.

غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاشنىڭ زادى كەلگۈسى بارمۇ-يوق؟

ئەلۋەتتە بار. بولمىسا ئۇنچىۋالا كۆپ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بۇ تۈرگە مەبلەغ سالمىغان بولاتتى. لېكىن بىز رېئاللىقنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك، ئۇ نۆۋەتتە يەنىلا ئالدىنقى قاتاردىكى ئىزدىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، «ئۆلچەملىك داۋالاش يولى»غا ئۆزگىرىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن تېخنىكا توسالغۇلىرىدىن ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

سىز توغرا دەپ قارىغان، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان «دىيابېت كېسىلى ساۋاتلىرى»

1-خاتا قاراش: شېكەرنى كۆپ يېگەندە ئاندىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. دىيابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قەنت يېيىش پەقەت سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىرسىيەت، سېمىزلىك، تۇرمۇش ئادىتى تېخىمۇ مۇھىم.

2-خاتا قاراش: ئىنسۇلىن ئىشلىتىلسە، كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. خاتا! ئىنسۇلىن ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاستە، ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس.

3-خاتا قاراش: قان شېكىرى نورمال بولسا ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ قان شېكىرى گەرچە نورمال بولسىمۇ، لېكىن قاندىكى ماي، قان بېسىمى، بەدەن ئېغىرلىقى كونتروللىقىنى يوقىتىپ، ئوخشاشلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى كەلگۈسىدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىز، دىيابېت كېسىلىگە بولغان تونۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/27947416.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-28 / 07:39:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ