ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقدىئابىت دائىم تاتلىقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

دىئابىت دائىم تاتلىقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىچىكىمىزدە دائىم مۇنۇ سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز: «كەمپۈتنى ئاز يە، كەمپۈتنى كۆپ يېگەندە سۈيدۈكتە شېكەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە، دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالىسەن.» بۇ سۆزنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟

دىئابىت كېسىلى ئىسمىدىن قارىماققا، «سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولۇش.»نى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولمايدۇ. چۈنكى، قاندىكى قەنت ماددىسى بۆرەكنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۆرەك نەيچىسى ئارقىلىق قايتا سۈمۈرۈلىدۇ. بىراق، قاندىكى قەنت مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، يەنى 180mg/dL بولغاندا، بۆرەك نەيچىسى بۇ قەنت ماددىسىنى سۈمۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ-دە، قەنتلىك سۈيدۈك ھاسىل بولىدۇ.

ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق سۆمۈرۈلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ماددىلار پارچىلىنىپ گىلوكوزىغا ئايلىنىدۇ-دە، قانغا كىرىپ، قان قەنتگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا تاماقلانغاندىن كېيىن قان قەنتى روشەن دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ئاسان پارچىلىنىدىغان قەنت ماددىلىرى بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئۇ ھالدا قان قەنتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، بۆرەك نەيچىسىنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، شېكەرلىك سۈيدۈك ھادىسىسى قان قەنتىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەندە، شېكەرلىك سۈيدۈك ھاسىل بولسىمۇ، ئەمما چوقۇم دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى ناتايىن.

بىراق، پەزىدە شېركەرلىك سۈيدۈك ھادىسىسى كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بۇ بەدەندە چوقۇم دىئابىت كېسىلى بولۇشىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، لېكىن تاتلىق يېمەكلىكنى يېيىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تاتلىق يېمەكلىك ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكنىڭ زىيادە قوبۇل قىلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ دىئابىت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-06 / 09:30:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ