ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەپچىل چارىلەر

ھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەپچىل چارىلەر

ھەرىكەت ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى، شۇنداقلا ساغلام سەۋىيەنى ساقلاشنىڭ ئەڭ يادرولۇق ۋاسىتىسى. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

1. ھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى كۆپ

* ھەرىكەت يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي مېتابولىزىمنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

* ھەرىكەت بەدەننىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىزنى تېخىمۇ تەمكىن ھالدا كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.

* ھەرىكەت ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى بولغان بەدەن شەكلىنى ساقلاپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

* دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھەرىكەت چوڭ مېڭىنى ئۆزگەرتىدۇ، دېگەن قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

* ھەرىكەت كەيپىياتنى ياخشىلاپ، تەشۋىشلىنىش ۋە مەيۈسلىنىشتەك ئىككى خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ناچار كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

* ھەرىكەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

*ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، سېمىزلىك نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىلى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشتا، ئالدى بىلەن سېمىزلىكنى كونترول قىلىش كېرەك.

* ھەرىكەت يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارمۇ ھەرىكەت ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرەلەيدۇ.

* ھەرىكەت دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەرىكەت دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان يادرولۇق ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى.

* ھەرىكەت كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، مەسىلەن: ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى قاتارلىقلار، جۇڭگولۇقلار راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىدە 10- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

* ھەرىكەت قاندىكى ماي مىقدارىنى چۈشۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىش، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەت يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى.

* ھەرىكەت سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ ياشانغانلاردىكى سۆڭەك چۈرۈكلىشىش سەۋەبىدىن، يىقىلىپ پۇت-قولى سۇنۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى سۆڭەك سۇنۇش ياشانغانلار تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ چۈشۈشى ۋە قازا قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

 

2. ھەرىكەت سىزگە «ئاۋۋال ئاچچىق، كېيىن تاتلىق»نىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ

ئادەتتىكى چۈشەنچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ تەبىئىيىتى ئۇلارنىڭ بارلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر، ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك پىسىخىكىلىق خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، ھورۇنلۇق، ئاچكۆزلۈك، راھەت -پاراغەتكە بېرىلىش ئادەملەرنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان تەبىئىيىتىدۇر.

ئەمما ھەرىكەت ھورۇنلۇق، يېمەك-ئىچمەككە بېرىلىش، راھەت تۇيغۇ ئىزدەشكە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئادەمدىن كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىلىپ چىقىپ، ھاسىراپ، پۇت-قوللار سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالدىن راھەت ياتقان ياخشى. لېكىن ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى پېپتىد قاتارلىق خۇشاللىق ھورمۇنلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىسەۋەبىدىن، ئوخشاشلا روھلۇق كەيپىياتنى تاپالايسىز، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن خۇشاللىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

 

3. ياخشى بولغان ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى نۇقتىلار

1) ھەرىكەت قىلغاندا بەك ھاسىرىغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى بار بولمايدۇ، ئوتتۇراھال كۈچلۈك دەرىجىدە ھەرىكەت قىلغاندا سالامەتلىككە پايدىسى بار.

2) تەلەپنى ھەركۈنى يۇقىرى قويۇۋالماي، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ھەرىكەت قىلىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

3) ۋاقىت چىقىرىپ پارچىلانما ھالەتتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىشمۇ ياخشى ئەھۋال.

تۇرمۇشتا بىر قانچە قېتىم زوڭىيىپ ئولتۇرۇش، بىرەر مىنۇت ئارغامچا سەكرەش، پەلەمپەيگە چىقىشمۇ ناھايىتى ياخشى ھەرىكەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

4) تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئاستا – ئاستا ھەرىكەت قىلىشقا ماسلىشىش.

5) ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە ھەرىكەتكە قاتنىشىش.

 

خۇلاسە

ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلەرگە نىسبەتەن، ھەرىكەت قىلماسلىق كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىش، لېكىن بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ؛ قانداق قىلغاندا ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلە، بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىرادە كېرەك.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-21 / 06:13:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ