ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىئاشخانا ۋە قاچا-قۇچىنى قانداق دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك

ئاشخانا ۋە قاچا-قۇچىنى قانداق دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

«كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ.» بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن، ئاشخانا ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش ناھايىتى مۇھىم.

ئاشخانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

ئاشخانىدا ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقىكېرەك ئىكەن. يەر يۈزى ۋە بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى بار بولغان تام قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى 500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىبىلەن سۈرتۈش ياكى دېزىفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەشۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

جۈمەك قاتارلىق كۆپ تېگىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، 75%لىك ئىسپىرت ياكى سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان باشقا دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈش، 30 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

پىچاق، قاچا-قۇچا قاتارلىق ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئاۋۋال قاينىتىش ئۇسۇلىدا دېزىنفېكسىيەلەش، قايناق سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىش كېرەك.

«پول سۈرتكۈچ، دەسمال، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ دېزىنفېكسىيەلەش، شۇنداقلا مەخسۇس رايونغا مەخسۇس قويۇش كېرەك» دېدى ياڭ شياۋيەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، دەسمال، پول سۈرتكۈچنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىغا تولۇق چىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، 30 مىنۇت تەسىر قىلغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويۇش كېرەك. ئاشخانا ئەخلەت ساندۇقىنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن تولۇق پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ قۇرۇتۇش كېرەك ئىكەن.

دېزىنفېكسىيەلەش جەريانىدا دېزىنفېكسىيە دورىسى قالدۇقىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دېزىنفېكسىيە دورىسى بەلگىلىك غىدىقلاش ۋە چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، تەڭشەش ۋە ئىشلىتىشتە شەخسىي قوغدىنىشقا دىققەت قىلىش، پەلەي كىيىش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىنپەلەينى ئېلىۋېتىپ، ۋاقتىدا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكىسوپۇن ئارقىلىق ئاقما سۇدا قولنىيۇيۇش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 01:15:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ