كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى بىلىۋېلىڭ
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى : ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلايدۇ ، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
گېموروي : توغرا ئۈچەي مەقئەي يولى ۋېناسىدىكى قاننىڭ تەتۈز ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن ، ئاسانلا قان قېيىپ ، ۋېنا كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، گېموروينى پەيدا قىلىدۇ .
مۇسكۇللار يىگىلەش كېسەللىكى : قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازىيىشىدىن مۇسكۇللارغا ئوكسېگىن يېتىشمەي ، مۇسكۇللارنىڭ قېتىۋېلىشى ، ئېچىشىپ ئاغرىشى ، ھەتتا يىگىلەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى : ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان كىشلەردە ھەرىكەت ئاز بولىدىغانلىقتىن ، ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ سىپازما ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈنى ئاجىز ، بۇ ھال بوغما ئۈچەي راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە مۇسكۇللارنىڭ زەخمىلىنىشى : ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن بەدەن ئېغىرلىقى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا چۈشىدۇ . بېسىمنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىقتىن بەل قىسمى ۋە قورساق قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي ، تۆۋەنكى بەل قىسىم مۇسكۇلىنىڭ ئاغرىشىنى ، ھەتتا ئومۇرتقا مۇسكۇلىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماسلىقتىن تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .