ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى «دۇنيا تەنھالىق كېسىلىنى تونۇش كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ. تەنھالىق كېسىلى ياكى جىمغۇرلۇق كېسىلى (Autism Spectrum Disorder, ASD) نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ يېتىلىش توسالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ (CDC) 2023-يىلدىكى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھەر 36 بالىنىڭ ئىچىدە بىرىدە تەنھالىق كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ سانلىق مەلۇمات بۇرۇنقى 44 بالىدا بىر بولۇش نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ «ساختا جىمغۇرلۇق كېسىلى» بىلەن ھەقىقىي جىمغۇرلۇق كېسىلىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش؟

تەنھالىق كېسىلى ۋە ساختا جىمغۇرلۇقنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى
تەنھالىق كېسىلى، بەزىلەر ئىنگىلىزچە ئىسمى ئاۋتىزم، ئوتىزىم دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ھەقىقىي تەنھالىق كېسىلى بىر خىل نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىش توسالغۇسى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە تۇغما ئىرسىيەت ئامىللىرى، مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەزىبىر مۇھىت ئامىللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە خاس پەرقلىق ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەقىقىي جىمغۇرلۇق كېسىلىنى «داۋالاپ تۈپتىن ساقايتقىلى بولىدۇ» دەپ قاراش ئىلمىي ئەمەس، بەلكى بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەمما «ساختا جىمغۇرلۇق كېسىلى» پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئۇقۇم. بۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئورگانىك كېسەللىك بولمىغان، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان «ئالاقە توسالغۇسى»نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بالىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بەك يەككە بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىلار بالا بىلەن سۆزلەشمىسە، ياكى بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تېلېۋىزور ۋە يانفون ئېكرانىغا بەك كۆپ تايىنىپ قالغان بولسا (بۇنى بەزى مۇتەخەسسىسلەر «Virtual Autism» يەنى مەۋھۇم جىمغۇرلۇق دەپمۇ ئاتايدۇ)، بالىدا جىمغۇرلۇق كېسىلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
زامانىۋى تۇرمۇشتىكى «ئېكرانغا بېقىنىش» ۋە ساختا جىمغۇرلۇق
ئەڭ يېڭى پىسخىكا ۋە نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالا ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۆز تىكىش، تەبەسسۇم ۋە جانلىق تىل ئالاقىسىگە ئېھتىياجلىق. ئەگەر بۇ جەرياندا بالا پەقەت بىر تەرەپلىمىلىك ئۇچۇر بېرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئېكرانلار بىلەنلا ۋاقىت ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ تەقلىد قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش نېرۋىلىرى يېتەرلىك غىدىقلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، بالا چاقىرسا قارىمايدىغان، گەپ قىلمايدىغان، پەقەت ئۆزى يالغۇز ئوينايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەل «ساختا جىمغۇرلۇق»نىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر. ساختا جىمغۇرلۇقنىڭ ھەقىقىي جىمغۇرلۇقتىن پەرقى شۇكى، مۇھىت ئۆزگىرىپ، ئادەملەر ئارىسىدىكى سەمىمىي ئالاقە ئەسلىگە كەلگەندە، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقايدۇ.
بالىدىكى ئالامەتلەرنى قانداق كۆزىتىش كېرەك؟
گەرچە ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئالاقە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە بەزى پەرقلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ھەقىقىي جىمغۇرلۇقتا بالا كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشتىن قاچىدۇ، قايتا-قايتىلانغان ھەرىكەتلەرنى (مەسىلەن، قولىنى توختىماي سىلكىش، چۆرگىلەش) قىلىدۇ ۋە تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر خىل تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ. «ساختا جىمغۇرلۇق»تا بولسا، بالىنىڭ ئىقتىدارى مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر بالا ئۆزى قىزىقىدىغان بىرەر ئىشتا باشقىلار بىلەن ئازراق بولسىمۇ پىكىر ئالماشتۇرالىسا، ياكى مۇھىت ئالماشتۇرغاندا ئىلگىرىلەش كۆرۈلسە، بۇ ساختا جىمغۇرلۇق بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بالىلاردا تەنھالىق كېسىلى شۈبھىسى بولسا قايسى سوئاللار سورىلىدۇ؟
ئەگەر بالىدا جىمغۇرلۇق كېسىلى (Autism/ئاۋتىزم) شۈبھىسى بولسا، مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ نېگىزلىك سوئال ئارقىلىق دەسلەپكى باھالاشنى ئېلىپ بارىدۇ:
1. كۆز ئالاقىسى ۋە ئىسىمغا ئىنكاس قايتۇرۇش:
بالىڭىز سىز بىلەن كۆز ئالاقىسى قىلامدۇ؟ ئارقىسىدا ئىسمىنى چاقىرغاندا سىزگە ئۆرۈلۈپ قارايدۇمۇ ياكى خۇددى ئاڭلىمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئادەتتە يېقىن ئارىلىقتا ئىككى ئۈچ قېتىم چاقىرغاندىمۇ ئۆرۈلۈپ سىزگە قارىمىسا ياكى ئىنكاس قايتۇرمىسا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
2. بارماق بىلەن كۆرسىتىش ۋە دىققەتنى ئورتاقلىشىش:
بالىڭىز بىرەر قىزىقارلىق نەرسىنى كۆرسە (مەسىلەن: ئاسماندىكى ئايروپىلان ياكى بىرەر ئويۇنچۇق)، سىزگىمۇ كۆرسىتىش ئۈچۈن بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلامدۇ؟
3. تەسەۋۋۇر ئويۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي قىزىقىش:
بالىڭىز قونچاقلارنى تاماقتاندۇرۇش ياكى ماشىنىنى ھەيدىگەندەك قىلىپ «تەسەۋۋۇر ئويۇنلىرى»نى ئوينامدۇ؟ باشقا بالىلارغا قىزىقىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشقا تىرىشامدۇ؟
ئەسكەرتىش: بۇ سوئاللار پەقەت شۈبھىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي بالىلار دوختۇرى ياكى پىسخىكا مۇتەخەسسىسىگە كۆرسىتىش كېرەك. دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغاندا داۋالاش ۋە تەربىيەلەش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار قوللىنىشقا بولىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر
ئەگەر بالىڭىزدا ئالاقە توسالغۇسى باردەك ھېس قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن كەسپىي دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويغۇزۇش ئەڭ مۇھىم. ئەگەر دوختۇر بالىنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدا مەسىلە يوقلىقىنى، لېكىن يېتىلىشىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ئېيتسا، سىز تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىغا ياردەم بېرەلەيسىز:
- سۈپەتلىك ھەمراھ بولۇش ۋە ئېكراننى چەكلەش: بالىنىڭ يانفون، پىلانشېت ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى تامامەن چەكلەش ياكى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا بالا بىلەن كۆزگە-كۆز تىكىلىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىش، بىرلىكتە رەسىملىك كىتاب كۆرۈش، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش قاتارلىق سېزىم غىدىقلاشلىرىنى كۆپەيتىش زۆرۈر. بالىنىڭ ھەر بىر كىچىك ئىنكاسىغا ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇش، ئۇنىڭدا ئالاقە قىلىش ئىستىكىنى ئويغىتىدۇ. بالىنى سىرتقا، يەنى باغچىلارغا، ئويۇن مەيدانلىرىغا كۆپرەك ئاپىرىپ، تەڭتۈشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئائىلىدە جىددىيچىلىكتىن خالىي، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئىناق كەيپىيات يارىتىش بالىنىڭ پىسخىكا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان «تېمى»نى بۇزۇپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر ئارىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى
تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى ھەقىقىي جىمغۇرلۇق بولسۇن ياكى ساختا جىمغۇرلۇق بولسۇن، 6 ياشتىن بۇرۇنقى ئارىلىشىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بالا كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، توغرا بولغان تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىنىڭ تىل ئىقتىدارىنى ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىنى قامداش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار «بالام چوڭ بولسا ئۆزىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەيدىغان خاتا قاراشتا بولماي، مەسىلىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئىلمىي يېتەكلەشنى باشلىشى كېرەك.
تەنھالىق كېسىلى بىر خىل «كېسەللىك» بولماستىن، بەلكى بىر خىل «ئۆزگىچە يېتىلىش ھالىتى»دۇر. ساختا جىمغۇرلۇق بولسا بىزگە بالىلار تەرەققىياتىدا ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈپ يېتىلىش رېتمى بولىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئۇلارغا يېتەرلىك سەۋر، چۈشىنىش ۋە ئىلمىي ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.


