دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.
دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاقلار ۋە بالىلار پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىشى نورمالمۇ ياكى كېسەللىكنىڭ بىشارىتىمۇ؟

بوۋاقلار ۋە بالىلار پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىشى نورمالمۇ ياكى كېسەللىكنىڭ بىشارىتىمۇ؟

بوۋاقلارنىڭ پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىشى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نورمال يېتىلىش باسقۇچى بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە نېرۋا سىستېمىسى ياكى مۇسكۇل مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىن ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ. بالىڭىز مېڭىشنى يېڭى ئۆگەنگەن دەسلەپكى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پۇت بارماقلىرىغا تايىنىپ مېڭىشى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تەبىئىي بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخى تەڭپۇڭلۇقنى تولۇق كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان بولىدۇ.

بوۋاقلار ۋە بالىلار پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىشى نورمالمۇ ياكى كېسەللىكنىڭ بىشارىتىمۇ؟

 

بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن بارماق ئۇچىدا ماڭىدۇ؟

بۇ خىل ھەرىكەت شەكلى تىببىي تىلدا «بارماق ئۇچىدا مېڭىش» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن بوۋاقلار مېڭىشنى يېڭى ئۆگەنگەندە پۇتنىڭ ئارقا تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزۈشكە ئادەتلىنەلمەيدۇ. لېكىن، بالا بىر – بىر يېرىم ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىزچىل تۈردە پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىش ئەھۋالىنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر قىسىم تىببىي سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ئادەت خاراكتېرلىك مېڭىش: ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەبى بولمىغان، پەقەت بالا شۇنداق مېڭىشنى ياقتۇرغان ئەھۋاللار.
  • ئارقا پۇت پىيىنىڭ قىسقا بولۇشى: ئاچىل پىيى (Achilles tendon) بەك قىسقا بولسا، بالا پۇت تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزەلمەيدۇ.
  • نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەسىرى: مېڭە بىلەن مۇسكۇل ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئەھۋاللىرىدىمۇ بالىلار پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭىدۇ.
  • سېزىم قوبۇل قىلىش پەرقى: بەزى بالىلار پۇت تاپىنىنىڭ يەرگە تېگىشىدىن ھاسىل بولغان سېزىمنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.

 

قايسى خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالالامىتى بولۇشى مۇمكىن؟

گەرچە كۆپىنچە بالىلاردا بۇ ئەھۋال ئۆزلۈكىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بىز تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن ئالامەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ كۆپ ئەنسىرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مېڭە پالەچلىكى (Cerebral Palsy) بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا بالىنىڭ مۇسكۇللىرى قېتىپ قالىدۇ ياكى ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشتا قىينىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋتىزم ( جىمغۇرلۇق ) كېسىلى بار بالىلاردا سېزىم ئورگانلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىش كۆپ كۆرۈلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسكۇل يىگىلەش كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىنمۇ بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىنىڭ مېڭىش شەكلى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تىل يېتىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغىمۇ دىققەت قىلىش تولىمۇ مۇھىم.

 

ئەڭ يېڭى تىببىي تەتقىقاتلار نېمە دەيدۇ؟

يېقىنقى تىببىي تەتقىقاتلار بۇ ساھەدە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. پېدىئاتىرىيە ژورنىلى (Journal of Pediatrics) نىڭ 2023-يىللىق بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىش نۇرغۇن جەھەتتىن نېرۋا تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالدۇر بايقىغاندا داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. خارۋارد تىببىي ئىنستىتۇتى (Harvard Medical School) تەرىپىدىن 2022-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتە، بۇ خىل مېڭىش شەكلىنىڭ %70 ئەھۋالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدىغانلىقى، ئەمما گېنەتىكىلىق ئامىللارنىڭمۇ رولى بارلىقى بايقالغان. بۇ تەتقىقاتلار بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالىنىڭ سېزىم بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق بولغاندا، فىزىكىلىق چېنىقتۇرۇشنى بالدۇر باشلاش كېرەك.

 

ئاتا-ئانىلار بايقىغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئەگەر بوۋىقىڭىز 6 ئايدىن كېيىن قولتۇقىدىن تۇتۇپ يەرگە تەككۈزگەندە دائىم بارمىقىنىڭ ئۇچىدا دەسسىسە ، ۋەيا مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىنمۇ دائىم پۇتنىڭ ئۇچىدىلا ماڭسا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  • بالىلار مۇتەخەسىسلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىڭ. بالىلار نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى ياكى سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرسىتىپ، مۇسكۇل ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرتۈڭ.
  • ماڭدۇرۇشقا مەدەت بېرىڭ. بالىنىڭ ئاياغ كىيىپ مېڭىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىڭ، قوپالراق يەرلەردە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ئاساسىدا ماڭغۇزۇپ كۆرۈڭ.
  • ئۆيدە چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.  بالىنىڭ پۇت مۇسكۇللىرىنى ئاستا-ئاستا سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلدۇرۇڭ.
  • مۇۋاپىق بولغان ئاياق تاللاڭ. تاپىنى سەل قاتتىقراق ۋە تىرەك كۈچىگە ئىگە بولغان ئاياغلارنى تاللاڭ.
  • قەدەم ھارۋىسىغا دائىم ئولتۇرغۇزۇپ قويماڭ. كۆپلىگەن بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى قەدەم ئۆگىنىش ھارۋىسىنىڭ بالىلارنىڭ بارماق ئۇچىدا مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەپتىن بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن بىشارىتىنىڭ بالدۇر بايلىقىش ۋاقتىنىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 

بوۋاقلارنىڭ پۇت بارماق ئۇچىدا مېڭىشى ھەمىشە ئېغىر كېسەللىكنىڭ بېشارىتى ئەمەس، لېكىن ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشىغىمۇ بولمايدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي تىببىي ياردەم سوراش بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكەت ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بالدۇر دىياگنوز قويۇش ۋە ئارىلىشىش، ھەر قانداق يوشۇرۇن نېرۋا ياكى مۇسكۇل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-06-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-06-02 / 12:55:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ