جىگەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى
肝脏外观
liver
karaciğer
جىگەر: ئىنگىلىزچە: Liver ياكى تىببىي سۆزلۈكتە hepato, hepatic دەپ ئاتايدۇ. تۈركچە Karaciğer خەنزۇچە: 肝脏 دەپ ئاتايدۇ.
قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ساغلام جىگىرى 1-2.5 كىلوگرام ئەتراپىدا رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.
بەدىنىمىز كېرەكلىك بولغان كۆپىنچە ئاقسىللارنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، شىكەرنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە قىلىدۇ، مايلارنى ئېرىتىدۇ، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، قان ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋىتامىن ئا، د ساقلايدۇ، شىكەر ھەم مىنىرال ماددىلارنى ساقلاپ قويىدۇ، قاندىكى زەھەر ماددىلارنى تازىلايدۇ… ئىشقىلىپ خېلى خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى ھەم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش رولىمۇ بار. جىگەر بىلەن ئۆت بىر بىرىگە يېقىن. جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى، ئۆتكە كېلىپ ساقلىنىدۇ. كېرەك بولغاندا ئۆتتىن 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىلىدۇ.