ئانا سەھىپەرەسىملەرئاناتومىيە رەسىملىرىجىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت، ۋە ئۆت يولى ئورنى

جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت، ۋە ئۆت يولى ئورنى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت، ۋە ئۆت يولى ئورنى

肝脏,胰腺,胆囊,胆道位置

liver, pancreas, gallbladder, choledochus anatomical postion

karaçiğer, pankreas, safra kesesi, safra yolu yeri

ئاشقازان ئاستى بېزى: ئاشقازان ئاستى بېزى ئىسمىگە ئوخشاش، ئاشقازاننىڭ ئاستىغىراق جايغا جايلاشقان. تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى، بويۇن قىسمى، بەدەن قىسمى، قۇيرۇق قىسمى. ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدە نەيچە شەكىلدە تۈزۈلمە بار. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىچكى ئاجراتما ۋە تاشقى ئاجراتما دەپ ئىككى خىل رولى بار. ئاشقازان ئاستى بېزى، ئاساسلىقى بەدىنىمىزگە مۇھىم بولغان ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئورۇن. ئەگەر بۇ ئورگان ياخشى ئىشلىيەلمىسە، ئادەم قەنت سىيىش كېسىلى(باشقا ئىسمى: دىئابىت، شىكەر كېسىلى) بولۇپ قالىدۇ.

جىگەر: قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ساغلام جىگىرى 1-2.5 كىلوگرام ئەتراپىدا رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.بەدىنىمىز كېرەكلىك بولغان كۆپىنچە ئاقسىللارنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، شىكەرنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە قىلىدۇ، مايلارنى ئېرىتىدۇ، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، قان ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋىتامىن ئا، د  ساقلايدۇ، شىكەر ھەم مىنىرال ماددىلارنى ساقلاپ قويىدۇ، قاندىكى زەھەر ماددىلارنى تازىلايدۇ… ئىشقىلىپ خېلى خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى ھەم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش رولىمۇ بار. جىگەر بىلەن ئۆت بىر بىرىگە يېقىن. جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى، ئۆتكە كېلىپ ساقلىنىدۇ. كېرەك بولغاندا ئۆتتىن 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئۆت ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق رولى : ئۆت ئاساسلىقى جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدىغان يەر. جىگەر كۈندە 1200-800 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ 500 مىللىلىتىرى ئۆت خالتىسىغا بارىدۇ. بۇ يەردە قايتا قايتا سۈمۈرۈلۈپ ساپلاشتۇرىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-10 / 07:47:08

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ