چىش ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشى
牙的构造解剖图
teeth anatomy sectional view
diş yapısı
چىش: 牙齿, teeth, dişقۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ نورمالدا 28-32 چىشى بولىدۇ، بالىلارنىڭ 20 ئەتراپىدا چىشى بولىدۇ. ئادەم ھاياتىدە ئىككى قېتىم چىش چىقىرىدۇ.
بىرىنجى قېتىم چىقارغان چىشنى سۈت چىشى 乳牙, deciduous teeths, süt dişi دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتە سۈت چىشىنى چىقىرىش، تۇغۇلۇپ 6 ئايلىق بولغاندا باشلايدۇ. 3 ياش ئەتراپىدا بىرىنجى قېتىملىق چىش چىقىرىش تاماملىنىدۇ. 20 تانە ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۈستىدە 10 تال، ئاستىدا 10 تال بولىدۇ. 5-6 ياش ئەتراپىدا چۈشۈشكە باشلايدۇ، ۋە ئىككىنجى قېتىملىق چىش چىقىشقا باشلايدۇ.
ئىككىنجى قېتىم چىقارغان چىشنى تۇراقلىق چىش، perminant teeth, kalıcı diş 恒牙 دەپ ئاتايدۇ.