مەن بولسام جىگەر ، بىر تىلسىز ئىچكى ئەزا ، چوقۇم دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدىغان بىر ئىش بار ، مېنىڭ ئاغرىغىنىمنى سەزگەن چېغىڭىزدا ئاساسەن كېچىككەن بولىسىز .
ئېسىڭىزدە بولسۇن ، مەن 3 مىنۇتتا بىر قېتىم پۈتۈن بەدىنىڭىزدىكى قاننى سۈزۈپ چىقىمەن ، 1 سائەتتە 20 قېتىم ، بىر كۈندە 480 قېتىم ، بىر يىلدا 175200 قېتىم سۈزىمەن .
مەن سىز ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەپ زەھەر پارچىلايمەن ، سىز بولسىڭىز يېرىم كېچە 11~12 بولمىغىچە ئۇخلىمايسىز ، ھاراق ئىچىسىز ، ئاچچىقلايسىز ، گۆش ، كاۋاپ دىگەندەكلەرنى ھارغىچە زورلاپ يەيسىز ، قىلغۇلىقنى ئۆزىڭىز قىلىپ تېرىڭىزنىڭ نۈرسىز تۇتۇقلىغى ، ئاشقازىنىڭىزنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەسلىكى ، جىگەرنى ماي قاپلىغانلىغى ، ئۇيقۇڭىزنىڭ سۈپەتسىزلىگى قاتارلىقلاردىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ، زارلاپ قاقشايسىز …سىز ئاشۇ ئامراق ماشىنىڭىزغا نەچچە پۇل خەجلىسىڭىز رازى لېكىن ئىچكى ئەزايىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ — مەن دىگەن سىزنىڭ جان – جىگىرىڭىز ، يۈرەك – پارىڭىز ئەمەسما؟ ئەجىبا ئازغىنە كۈڭۈل بۈلىشىڭىزگە ئەرزىمەمدىم؟
جىگەر راكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالدىن 14 خىل بىشارتى:
1-دائىم ھارغىنلىق ھىس،قىلىش؛
2-دائىم تەشۋىشلىنىش،خامۇشلۇق،ئىچى پۇشۇش؛
3-كۆزى قۇغاقلقشىش ياكى نۇرسىز بولۇش؛
4-چوڭ تەرتى يېپىشققاق بولۇش؛
5- تېرىسىدە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇش؛
6- بەدىندە سېسىق پۇراق بولۇش؛
7-ئۇيقىزلىق كۆپ چۈش كۆرۈش؛
8-ئېغىزى تىلى قۇرۇپ تۇرۇش؛
9-باشنىڭ يېرىمى ئاغىرىش؛
10-مەيدىسىدە قىزىل داغلار پەيدا بولۇش؛
11- تىرنىقىدا تىك سىزىقلار پەيدا بولۇش؛
12-چېچى دائىم مايلىق بولۇش؛
13-ئىككى مەڭزىدە داغ پەيدا بولۇش؛
14-ئاچچىغى يامان تېرىككەك بۇلۇش؛
( تور ماتېرىيالى، ئەسلى ئاپتور بىز بىلەن ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز )