ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىبۇرۇن تۈكى «باراقسان» ئۆسۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇرۇن تۈكى «باراقسان» ئۆسۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەردە بۇرۇن تۈكى ئۇزۇن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئىنتايىن تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمگە بىر خىل پاكىز بولمىغان تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەردە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ھەتتا بۇرۇندىكى تۈكلەرنى ئەزەلدىن كېسىپ باقمىغان بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇرۇن تۈكلىرى شۇنچە «باراقسان» ئۆسىدۇ؟

1. ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچلۈك

بەزى ئەرلەردە بۇرۇن تۈكلىرى زىيادە ئۇزىراپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ ئىنتايىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇش يامان ئىش ئەمەس، لېكىن بۇرۇن تۈكى ئۇزۇن بولسا سىرتقى قىياپەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇرۇن تۈكىنى ئازراق قىرقىپ قويسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ بۇرۇن تۈكچىلىرى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئاياللاردا ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۈچلۈك بولسا نۇرغۇن ساغلاملىق جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

2. سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراش

بۇرۇن تۈكچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇ بۇرۇن ئارقىلىق نەپەسلىنىشتە بىر خىل قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ خۇددى سۈزگۈچ تورغا ئوخشاش، ھاۋادىكى بىر قىسىم چاڭ-توزان ۋە باكتېرىيەلەرنى سۈزۈۋالىدۇ. ئەگەر ئەتراپتىكى ھاۋا مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولسا، ھاۋادا زور مىقداردا چاڭ-توزان بولسا ياكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولسا بۇ ناچار مۇھىت بۇرۇن تۈكچىلىرىنى غىدىقلاپ ئۇنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

3. دائىم تاماكا چېكىش

دائىم تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى تاماكا ئىسىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ، دائىم تاماكا چەككەندە بۇرۇن تۈكچىلىرىنى غىدىقلاپ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندەك ھېس قىلسا مۇۋاپىق مىقداردا كېسىۋەتسە بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشىسى تاماكىنى تاشلاش كېرەك.

 

بۇرۇن تۈكلىرىنى قانداق قىرقىش كېرەك؟

1. قول بىلەن بۇرۇن تۈكىنى يۇلماسلىق كېرەك.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ، قول بىلەن بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خاتا بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى تۈك خالتىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتىكى چاڭ-توزان ۋە باكتېرىيەلەرنىڭ غىدىقلىشى ئاسانلا تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

 

2. دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىش

قول بىلەن بۇرۇن تۈكىنى يۇلماسلىق، كىچىك قايچا بىلەن بۇرۇن تۈكىنى كېسىۋېتىش، كىچىك قايچىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىش، كىچىك قايچىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مەشغۇلات قىلغاندا دىققەت قىلىش، بۇرۇننى يارىلاندۇرۇۋالماسلىق كېرەك. بۇرۇن تۈكىنى كېسىشتىن بۇرۇن ۋە كېسىشتىن كېيىن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

 

3. بەك قىسقا كېسىۋەتمەسلىك كېرەك

بۇرۇن تۈكىنى كەسكەندە بەك قىسقا كېسىۋەتمەسلىك لازىم، پەقەت بۇرۇن تۆشۈكىدىن چىقىپ قالغان قىسمىنى كېسىۋەتسەكلا بولىدۇ، بولمىسا مەشغۇلات توغرا بولماي، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، بۇرۇننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

 

4. بۇرۇن تۈكىنى قىرقىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ

بازاردا مەخسۇس بۇرۇن تۈكىنى كېسىش ئۈسكۈنىسى بار، ئەگەر كىچىك قايچا بىلەن بۇرۇن تۈكىنى كەسكىلى بولمىسا، مەخسۇس بۇرۇن تۈكىنى قىرقىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن تۈكىنى كېسىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەندە چۈشەندۈرۈشتىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە قەدەممۇ قەدەم كېسىش كېرەك، بولمىسا بۇرۇنغا زەخىم يېتىدۇ.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17811496.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-29 / 03:18:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ