ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىئادەم قانچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن قېرىغان ھېسابلىنىدۇ؟

ئادەم قانچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن قېرىغان ھېسابلىنىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قېرىش نۇرغۇن كىشىلەر يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان بىر ئىش، شۇنداقلا كىشىلەر يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدىغان بىر ئىش. بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا تەن بەرمىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ بەدەن ئىقتىدارى ھامان چېكىنىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ئادەم قانچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن قېرىغان ھىساپلىنىدۇ؟

بەزىلەر 60 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى قېرى دىمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر 50 ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنى قېرىپ كەتتىم دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ بۇنمى تالاش-تارتىش قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا ياشانغانلارغا بېرىلگەن تەبىر بار، ئۇلار 60 ياشتىن ئاشقانلارنى ھەقىقىي ياشانغانلار دەپ ئاتايدۇ.

بۇ ياشتىن باشقا ئادەمگە ھەقىقى قېرىلىق يېتىشتىن ئىلگىرى بەدەننىڭ بىر قانچە جايىدا يەنە چېكىنىش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ ئالامەتلەر بولسا، ئەمدى قېرىغانغا تەن بېرىڭ.

 

1. چاچ

چاچ ئىنتايىن روشەن بىر ئالاھىدىلىك، ئادەم ياش ۋاقتىدا چېچى ئىنتايىن قويۇق ھەم قارا رەڭدە بولىدۇ. ئەمما، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچمۇ ئۆزگىرىدۇ، باش تېرىسىدىكى قارا رەڭلىك دانچە قارا پىگمېنت شەكىللەندۈرەلمىگەندە، ئاستا-ئاستا ئاق چاچ پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا، ئەگەر 60 ياشتىن ئاشقاندا چېچىڭىز ئاقىرىپ كەتسە بۇ نورمال ئەھۋال. لېكىن سىز 60 ياشقا كىرمەيلا چېچىڭىز ئاقىرىپ كەتسە، دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

ئاق چاچنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ئىرسىيەت ئامىلى، يېمەك-ئىچمەك ئامىلى، پىسخىكا ئامىلى قاتارلىقلار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

 

2. پۇت

ياش ۋاقتىدا، ھەممە ئادەم ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان بولىدۇ. بەدەننىڭ جانلىقلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ئەمما ئادەم قېرىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن كالتسىيغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ بارىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا بەدەندىكى كالتسىينىڭ تەركىبى ئېقىپ كېتىپ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ بارىدۇ، پۇتنىڭ جانلىقلىقىمۇ ئىلگىرىكىدەك بولمايدۇ.

 

3. كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش

ئەگەر جەمەتىڭىزدە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئادەم بولمىسا، كېيىن كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلسىڭىز، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، ياشنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.

بارا-بارا كۆز تورلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكىگە ئېھتىياجلىق بولىسىز. بۇنداق ئەھۋال سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

4. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

قېرىغاندىن كېيىن، سىز بەزىدە ياشلار گەپ قىلغاندا ئېنىق ئاڭلىيالمايدىغانلىقىڭىزنى ياكى زادىلا ئاڭلىيالمايدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز، ئەگەر گەپ قىلغاندىكى ئاۋاز تۆۋەن بولمىسا، ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىزدا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولىدۇ.

 

5. ئاشقازان-ئۈچەيدە ئۆزگىرىش بولۇش

قېرىغاندىن كېيىن، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستا بولۇش ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا قەۋزىيەت پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاشقازان-ئۈچەينى ياخشى تەڭشەش كېرەك. يېمەك-ئىچمەككە بىر قىسىم قارا ئاشلىقلارنى قوشۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەدەنگە ئوزۇقلۇق قوشۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قېرىش قەدىمىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6502630.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:55:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ