ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقجىگىرى ياخشى ئەمەس كىشىلەر بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى يېمەسلىكى كېرەك

جىگىرى ياخشى ئەمەس كىشىلەر بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى يېمەسلىكى كېرەك

سەۋزە جىگەرنى قۇۋۋەتلەمدۇ؟ دوختۇر: جىگىرى ياخشى ئەمەس كىشىلەر بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى يېمەسلىكى كېرەك

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سەۋزىنىڭ ھەقىقەتەن جىگەرنى قوغداش رولى بار، لېكىن جىگەر ياخشى ئەمەس كىشىلەر يېمەك-ئىچمەككە چەك قويۇشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك! جىگەر ئادەم بەدىنىنىڭ «خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر كۈنى ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق جىگەرنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۈگۈن جىگەر كېسىلى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىكنى سۆزلەپ باقايلى، بەزىلىرىنى ھەر كۈنى يېيىشىڭىز مۇمكىن.

جىگىرى ياخشى ئەمەس كىشىلەر بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى يېمەسلىكى كېرەك

 

يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر: جىگەرنىڭ شېرىن «يۈكى»

مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك: پىلتە قۇيماق، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، جىگەرنىڭ مېتابولىزم يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سېمىز گۆش: ھايۋانات مېيىنى جىگەر تېخىمۇ كۆپ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ ھەزىم قىلىشقا ئېھتىياجلىق، جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ پارچىلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

قايماق مەھسۇلاتلىرى: تەركىبىدە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى بار، جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپلا قالماي يەنە خولېستېرىننى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارىنى 40 گىرام ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

 

يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر:

تاتلىق «جىگەر قاتىلى»

قەنتلىك ئىچىملىك: بىر بوتۇلكا كولا 10 تال چاقماق قەنت يېگەنگە باراۋەر، زىيادە كۆپ مېۋە شېكىرى بىۋاسىتە جىگەردىكى ياغقا ئايلىنىدۇ.

پىرەنىك: ئاق شېكەر بىلەن ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ بىرىكمىسى ئاسانلا ئىسپىرتسىز جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەسەل: گەرچە تەبىئىي قەنت بولسىمۇ، لېكىن جىگەر قېتىشىش بىمارلىرى ھەسەل قوبۇل قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك، بۇ جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پاختىلىشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر: «جىگەرنى زەھەرلەيدىغان دورا»

كۆكىرىپ قالغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر: ئافلاتوكسىن ئېنىق بولغان 1-دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، جىگەرگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ.

ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك ماي: بۇزۇلغان ماي ئەركىن رادىكاللارنى ھاسىل قىلىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى تېزلىتىدۇ.

قېرىنقۇلاقنى ئۇزۇن چىلاپ قويۇش: كۆپۈك پەيدا بولۇش ۋاقتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە تۇغلۇق باكتېرىيە كۆپىيىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئىسپىرتلىق ئىچىملىك: ئەڭ بىۋاسىتە «جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە»

ئاق ھاراق: ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا، جىگەر ھۈجەيرىسىگە بولغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

پىۋا: قارىماققا ئىسپىرت مىقدارى تۆۋەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كۆپ ئىچكەندە زىيىنى ئوخشاشلا ئېغىر.

دورا-ھاراق: ئىسپىرت ۋە دورىنىڭ قوش مېتابولىزم يۈكى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، جىگەر كېسىلى بىمارلىرىغا ھەرگىز بولمايدۇ.

 

تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر:

ئاۋازسىز «جىگەرنىڭ بېسىم »

تۇزلانغان يېمەكلىكلەر: تۇزلانغان گۆش، تۇزلانغان كۆكتات قاتارلىق تەركىبىدە نىترىتلار بولۇپ، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرى: كولباسا، باكون قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خۇرۇچلار بولۇپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

تېتىتقۇ: كۆپ ئىستېمال قىلىنسا قاندىكى ئاممىياك ئۆرلەپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر: ئاسانلا «جىگەرنى غىدىقلايدۇ»

سوغۇق سەي: خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز.

مۇزلىتىلغان ئىچىملىك: تۇيۇقسىز تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشى جىگەر قان تومۇرلىرىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: جىگەر قېتىشىش بىمارلىرى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقى بىر گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنىڭ بىشارىتى كۆرۈلگەندە ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى دەرھال ئازايتىش كېرەك. جىگەرنى قۇۋۋەتلەش نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش بولماستىن، بەلكى جىگەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھېسابلىنىدۇ. يېڭى، سۇيۇق، كۆپ خىل يېمەك-ئىچمەك جىگەرنى ئاسرايدۇ. جىگەر كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان دوستلار كونكرېت يېمەك-ئىچمەك لايىھەسىدە يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك!

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزمۇندىكى داۋالاش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، دورا ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى شەكىللەنمەيدۇ، دىياگنوز قويۇش ئاساسى قىلىنمايدۇ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بىئاراملىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى
ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻣﺪﯗ؟ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-08 / 06:45:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ