ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقيۈرەكنى ئاسرايدىغان 14 خىل مېۋە

يۈرەكنى ئاسرايدىغان 14 خىل مېۋە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىلەمسىز؟ مېۋە-چېۋىلەر بىزنىڭ تەم تۇيغۇمىزغا ھۇزۇر بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ يەنە يۈرەك ئاسراش رولىمۇ بار.

يۈرەكنى ئاسرايدىغان 14 خىل مېۋە

بىرىنچى، نەشپۈت. ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى بىر نەشپۈت ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئالمىغا قارىغاندا %30 كۆپ بولغان ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل يېمەكلىك تالالىرىنىڭ بەدەندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئازايتىشقا ياردىمى بار.

ئىككىنچى، ئۆرۈك. ئۆرۈكنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، راك ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ئۈچىنچى، شاڭجاۋ. شياڭجاۋنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى، كالىي ئېلېمېنتى، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B6 ئۆزئارا ماسلىشىپ، يۈرەكنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تۆتىنچى، لىمون. لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، ئۈچەي يولى، يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

بەشىنچى، شاپتۇل. شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، بەدەننىڭ مۇداپىيەلىنىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئالتىنچى، قېلىن شۆپەكلىك جۈزە.قېلىن شۆپەكلىك جۈزە ئەلا سۈپەتلىك ۋىتامىن Cنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بىر قېلىن شۆپەكلىك جۈزىنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى ئاران 35 كىلوكالورىيە، ئەمما، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر كۈنى ۋىتامىن Cغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ %40ىنى قاندۇرىدۇ.

يەتتىنچى، نيۇيۇۋگو(牛油果). نيۇيۇۋگونىڭ تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، يۈرەكنىڭ نورمال سوقۇشىغا ياردەم قىلىپ، قان بېسىمىنى تەڭشەپ ۋە مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سەككىزىنچى، لىزى.بۇ خىل پوستى سۆسۈن رەڭلىك بولغان مېۋىنىڭ تەركىبىدە پولىفېنول مول بولۇپ، ئۇلار ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋھېسابلىنىدۇ.

توققۇزىنچى، توغاچ. توغاچنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E بولۇپ، ئۇلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ سۈپىتىدە ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرۇپ، ھۈجەيرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ. توغاچ تەركىبىدە يەنە مىس ۋە كالىي بولۇپ، قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە بەدەندىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ياخشى رول ئوينايدۇ.

ئونىنچى، شىزى. شىزىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A ۋە يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، بۇ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

ئون بىرىنچى، تاۋۇز. ئامېرىكا فىلورىدا شتاتلىق داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر تاۋۇز يېگەندە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن.

ئون ئىككىنچى، لەنمېي.لەنمېي ئىستېمال قىلغاندا ياللۇغ مولېكۇلىسىنىڭ بەدەندە شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىئانىدىن ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىنى يېنىكلىتىپ، DNAنى يامان سۈپەتلىك ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياندىن ساقلاشقا پايدىلىق.

ئون ئۈچىنچى، گىلاس. گىلاسنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن ھەمدە تەركىبىدە زور مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، مەسىلەن، يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن C، كاروتېنوئىد ۋە كالىي. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گىلاس ئىستېمال قىلىش بىمارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئون تۆتىنچى، ئالما. ئامېرىكا كوننېل داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئالما يېيىش قان نۆكچىسى، مېڭە سەكتىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن. ئەڭ چوڭ چەكتەساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالمىنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىشئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-19 / 09:17:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ