جىنسىي ئاجىزلىق – ھەر خىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئەر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماي، جىنسىي ئالاقە كىشىنىڭ جىنسىى ۋاقتىدا ئايال كىشىنى رازى قىلالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر ئەر كىشى جىنسىي ئالاقە ئىقتىدارىغا پۈتۈنلەي ئىگە بولمىسا، كارغا كەلمەسلىك؛ ئەرلىك ئىقتىدارى تولۇق بولمىسا، ئەرلىك ئاجىزلىق دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ زەكەرنىڭ تۇرماسلىقى ياكى تولۇق ھەرىكەتكە كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن، جىنسىي قابىلىيىتىگە دەخلى يېتىپ، نورمال جىنسىي تۇرمۇش ۋە نەسىل قالدۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىك.

كونكرېت ئېيتقاندا، ئەر كىشى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى ياخشى قاتماسلىق تۈپەيلىدىن، قانائەتلىنەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەسلىك ياكى قايىم بولۇش ۋاقتى يېتەرلىك بولماي، تېخى مەنىي ماڭمىغان ئەھۋالدا بوشاپ كېتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ .
1. جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى
1 . ئوزۇقلىنىش نورمال بولماسلىق : دائىم قۇۋۋەتسىز تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، سوغۇق تەبىئەتلىك ئىچىملىك، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، سۇ، پىۋىنى دائىم كۆپ ئىچىش، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى، قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ .
2. بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى: ئاشقازان، جىگەر خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە ياخشى سۈمۈرۈلمەي، قان، مەنىي ئاز پەيدا بولۇش ياكى پەيدا بولالماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
3. جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى مەسىلەن: ئۇرۇقدان سىلى، زەكەر ئىستىرخاسى، مەزى بېزى ياللۇغى، بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ .
4. مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى، تۆت خىلىت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ بەلغەم خىلىتىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن پەيلەر بوشاپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5 . يۈرەك، مېڭە قاتارلىق رەئىس ئەزالاردىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6. روھىي ئامىللار : جىددىيلىشىش، تارتىنىش، ھەددىدىن زىيادە خىجىل بولۇش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش، روھىي زەربە قاتارلىق نېرۋا ئاجىزلىق ئامىللىرىمۇ ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. قولدا لەززەتلىنىش، ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى ، نسىي ئاجىزلىقپاھىشىۋازلىق، ئاشنىدارچىلىق ئامىللىرىما نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
8. ناچار ئادەتلەر : ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، ئەپيۈن، نەشە قاتارلىق مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، چېكىملىك دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىشتىر چىقىدۇ .
9. قان بېسىم چۈشۈرگۈچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، تىنچلاندۇرغۇچى، مەست قىلغۇچى، سۇرگۇچى دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
10. تاشقى ئامىللار : ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، سوغۇقتا توڭلاپ كېتىش قاتارلىق ئامىللاردىنمۇ جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ .
11. بەزى ئامىللار : دىئابېت كېسەللىكى، ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك، زەكەر نېرۋىسىنى، قان تومۇرنى زەخىملەندۈرگەن بىر قىسىم ئوپېراتسىيىلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. جىنسىى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى
جىنسىي ئاجىزلىقتا ئاجىزلىق پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدۇ، جىنسىي ئالاقىگە ئىنتىلىش سۇسلايدۇ ، لەززەتلىنىش ئازىيىدۇ، قوزغىلىش تۆۋەنلەيدۇ ياكى پۈتۈنلەي بولمايدۇ . مەنىي تېز كېتىپ قالىدۇ. پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، روھسىزلىنىپ خامۇش بولۇپ قالىدۇ. ئەر – ئاياللارغا ئوخشاشلا روھىي ئازاب كەلتۈرىدۇ، زەكىرى يىگلەيدۇ، مەنىي سۇيۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇنۇتقاق، خىيالچان، جىمىغۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋاللار تەرەققىي قىلسا، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن مالىخولىيا، ھەتتا ساراڭلىققا ئېلىپ بارىدۇ . بۇ كېسەللىكنى داۋالىمىغاندا بىمارنىڭ پۈتۈن ئۆمرى غەم – قايغۇ بىلەن ئۆتىدۇ .
3. جىنسىي ئاجىزلىققا دىئاگنوز قويۇش
جىنسىي ئالاقىدە لەززەت يېتەرلىك بولماسلىقتىكى سەۋەپ مېڭىدە بولىدۇ .
2 ئالاقىدە تىترەش، يۈرەك سېلىپ قوزغىلىش كۆپ بولۇشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى يۈرەكتە بولىدۇ .
3. جىنسىى ئالاقە باشلىنىشتا قايىملىق يېتەرلىك بولماي، جىما جەريانىدا كۈچەيسە، ئاجىزلىق سەۋەب ئۇرۇقداندا ھۆللۈك كۆپەيگەنلىك نەتىجىسىدىن بولىدۇ.
4. قاتقان زەكەر ئالاقە باشلانغاندا بوشاپ كەتسە، سەۋەب ئەسەبى نېرۋا روھىي ئامىللارغا، جىگەر ئاجىزلىقىغا باغلىق بولىدۇ.
5. شەھۋەت ۋە قوزغىلىش بولماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كەتسە، سەۋەب بۆرەك ئاجىزلىق، بەدەن زەئىپلىكى تۈپ بولغان بولىدۇ .
3. جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى
جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن روھىي جەھەتتىن داۋالاش، يەنى بىمارنى ساقىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، زىيادە غەم – ئەندىشە خىياللاردىن يىراق بولۇشقا ئۈندەش، بىمارنى داۋالاشقا ماسلاشتۇرۇش لازىم. يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلاش، ساياھەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش لازىم.
بىماردا روھىي جەھەتتىن ساقىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىش، يەنى ئىمكانبار ياش، تېنى كىچىك، قاناتلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، قۇۋۋىتى يۇقىرى تاماقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، ياڭاق، بادام، سۈت، تۇخۇم، پىستە، چىلغوزا، پىندۇق مېغىزى قاتارلىقلار بىلەن پات – پات ئوزۇقلاندۇرۇش، ئارىلاپ ھەسەللەرنىمۇ بېرىش، سوغۇق تەبىئەتلىك ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.
لازا، ئاچچىقسۇ، لەڭپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىق نەرسىلەردىن، سوغۇق سەيلەرنى دائىم كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، چىرايلىق، مەنزىرىلىك، ھاۋاسى ساپ يەرلەرگە بېرىش، دائىم كۆڭلىنى خۇش تۇتۇش لازىم .
يۇقىرىقىلاردىن كېيىن سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. ئەگەر كېسەللىك ماددىسىز ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بولسا، ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە سوغۇقلۇق قىلىش، ئەگەر سوغۇقى ئېشىپ كەتسە، ئىسسىقلىق قىلىش ياكى ئىسسىقلىق دورىلار بىلەن چارە قىلىش لازىم .
ئەگەر كېسەللىك ماددىي سەۋەبتىن ( خىلىتلاردىن) بولسا، قايسى خىلىت بۇزۇلغان بولسا، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچ ( پىشۇرغۇچى) ، مۇسھىل (تازىلىغۇچى) دورىلىرىنى بېرىپ، ئاندىن شۇ ئەزانى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سوغۇقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە دۇچار بولغۇچىلار ئۆزىنى، بېلىنى ئىسسىق تۇتۇش، تولا سۇغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش، سۇغا چۈشۈش توغرا كەلسە ھىڭ… قاتارلىق ئىسسىق دورىلارنىڭ سۈيىدە يۇيۇنۇش لازىم . تۆگە يۇڭىدا بەلۋاغ توقۇپ، قىش كۈنلىرى بېلىگە ئوراپ يۈرۈشنىڭ يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە پايدىسى كۆپ ھەم بۆرەكنى ئاجىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
4. جىنسىي تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئامىللارغا دىققەت قىلىش لازىم:
1. بەدەندە تەبىئىي ئىنتىلىش، ئىستەك – ئارزۇ قوزغالمىسا، مەجبۇرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك .
2. ھەددىدىن زىيادە چارچاپ، ھېرىپ كەتكەندە، . مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
3. ھاراق، پىۋا ئىچكەندىن كېيىن، ئەپيۈن، خېروئىن، نەشىدەك مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى چەككەندىن كېيىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك .
4 . ئاياللار ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك .
5. بەك توق ياكى ئاچ قورساق ۋاقىتتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
6. كېسەل مەزگىلدە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
7. ئەزالارنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ، بىرگە بولماسلىق كېرەك.
8 . كىچىك تەرەت قىستاپ تۇرغان ۋاقىتتا بىرگە بولماسلىق كېرەك.
9. غەيرىي ھالەتلەردە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك . مەسىلەن: ئايال ئەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىش، يانچە يېتىپ، ئۆرە تۇرۇپ، كەينى تەرەپتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار.
10. جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدى – كەينىدە سوغۇق سۇ، سوغۇق تىچىس.. 1.ا لىقلارنى ئىچمەسلىك كېرەك .
11. بەك قىزىپ ياكى توڭلاپ تۇرغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك .
12. بەك قېرى ياكى كىچىك كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك .
13. ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
14. جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدى – كەينىدە ئاچچىق – چۇچۈك نەرسىلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
15. سۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ ياكى سۇدا ئۇزۇن يۇيۇنۇپ چىقىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
چۈنكى يۇقىرىقى ئىشلار سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا نۇرغۇن يامان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ . بەدەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ، جىنسىي قۇۋۋەت ئاسان كاردىن چىقىدۇ. بۇ ئىشلار نۇرغۇن قېتىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن، كۆپ ئىسپاتلانغان بولۇپ، ھەر كىم ساۋاق ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر .
«باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى مەخپىي رېتسېپلار كىتابى » دىن ئېلىندى
تۈزگۈچى: ئابلەي مەتنىياز



