سوئال: مېنىڭ زەكەرىم ئۈستىگە بىر نەرسە ئۆسۈپ قالدى، دوختۇر دىئاگنوز قويۇپ «تاناسىل كېسەللىكى-سۆگەل» ئىكەن، دېدى. مەن بەك ھەيران قالدىم. چۈنكى مەن زادىلا جىنسىي ھەرىكەت قىلمىغان تۇرسام، بۇ تاناسىل كېسەل ماڭ نەدىن يۇقىدۇ؟ تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، دوختۇردا داۋالىنىپ ساقايسام، بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېىن يەنە ئۆسۈپ چىقىدۇ.
دوختۇر: تىببى ساھەدىكى ئەڭ يېڭى قاراش شۇكى، جىنسى ئەزادىكى سۆگەل- ئادەتتە تاناسىل كېسەل سۆگىلى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى تۈرلۈك جىنسىي ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېھتىمال، بۇنى مەلۇم بىرخىل نامەلۇم مىكروب پەيدا قىلسا كېرەك.
بۇ كېسەل كۆپۈنچە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ لەۋلىرىدە، ئەرلەر زەكەرىنىڭ ئۇچىدا پەيدا بولىدۇ ئۇ ئەر-ئاياللاردا ئومۇميۈزلۈك بار. ئەڭ ياخشىسى، ئۇنىڭغا بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا چىققان سۆگەلگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي ھەرىكەت قىلمىسىمۇ، ئۇلاردا بۇ كېسەل دائىم كۆرۈلىدۇ، جۈملىدىن بالىلارمۇ بار.
ئەگەر سۆگەل كۆپ بولمىسا، ئادەتتە جىنسى تۇرمۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ. ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئاددى، دورا ئىشلەتسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ ياكى توك بىلەن داغلىسىمۇ بولىدۇ.
مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)