توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۆزنەك ( gonorrhea ) بىر خىل يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە ياش ئەر-ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بۇ كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى بىر قەدەر جانلىق بولىدۇ. سۆزنەككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ بەدىنى ۋە پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن بىمارلار بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
سۆزنەكنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتقىلى بولامدۇ؟
سۆزنەكتىن ئىبارەت بۇ خىل كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش-ساقايتماسلىق بىمارنىڭ داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش-ماسلىشالماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر كېسەل بولغاندىن كېيىن دوختۇرغا ماسلىشىپ دورا ئىشلەتمىسە ۋە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلىمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋالانسىمۇ، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. ئەگەر كېسەل بولغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشالىسا، شۇنداقلا شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلسا، بۇ خىل كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
سۆزنەككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟
1. ئەرلەردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئەرلەردە كېسەللىك قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە سۈيدۈك يولى ئېغىزى قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش ۋە سىرتقا ئۆرۈلۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە يەنە يېپىشقاق ئاجرالمىلار پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا پەيدا بولغان شىلىمشىق ئاجرالمىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان ئارىلاش سىيىدۇ.
2. ئاياللاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئاياللار سۆزنەككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، باشقا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كېسەللىك پەيدا بولغان مەزگىلدە قورساق كۆپۈش، ئاجرالمىلار كۆپىيىش، سىرتقى جىنسىي ئەزا قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتا ئاغرىش، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە پات-پات سىيىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا سىيىش قىيىنلىشىدۇ.
سۆزنەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟
1. شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش
ئالدى بىلەن سۆزنەك بىمارلىرى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش، ئاندىن ھەر قانداق توي سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە گاندون ئىشلىتىش كېرەك، بۇ سۆزنەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
2. ئايرىپ دېزىنفېكسىيىلەش
ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە سۆزنەككە گىرىپتار بولغانلار بولسا، ئۇلارنى ئايرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىمارغا ئايرىم ياتاق، ئايرىم كارىۋات، ئايرىم قاچا-قۇچا ۋە ئايرىم يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى تەييارلاپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ ئىچ كىيىمىنى ئايرىم يۇيۇش، يۇيغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك، قايناق سۇ بىلەن دېزىنفېكسىيەلەشكىمۇ، دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى بىلەن دېزىنفېكسىيەلەشكىمۇ بولىدۇ.
3. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش
سۆزنەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇرمۇشتا ئۆزىنى قەدىرلەش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۇرمۇشتا تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇپلا قالماي، ھەتتا تەرەت قىلىشتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇش، چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن مەقئەتتىن چىققان ئاجىرالمىلارنىڭ جىنسىي يولغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى كەچتە ئىلمان سۇ ياكى فىزىئولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن جىنسىي يولنى يۇيۇپ، سىرتقى جىنسىي يولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.
4. بىمار بىلەن قويۇق ئۇچراشقاندىن كېيىن تەكشۈرۈتۈش كېرەك
مەيلى ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن، سۆزنەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقاندىن كېيىن، جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى، شۇنداقلا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ياكى پەرزەنتلىرىگە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سۆزنەكنىڭ يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، كېسەل بولغاندىن كېيىن سىرتقى جىنسىي ئەزادا روشەن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا قالماي، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بەزىدە يىرىڭلاپ نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، باشقىلار بۇنى بىلگەندىن كېيىن كەمسىتىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سۆزنەكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ بارماقتا، شۇڭا ئۆزى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، شۇنداقلا سۆزنەككە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چۈشىنىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كېسەللىكتىن تېخىمۇ ياخشى ساقلىنىپ، سۆزنەكنىڭ ئازابىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17929581.shtml