ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىمەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغىنىڭ پەرقى

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغىنىڭ پەرقى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغى ئوخشاشلا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشقا تەۋە بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلار بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بۇ ئىككىسىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغىنىڭ پەرقى

ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسى يەنىلا ئىككى خىل كېسەللىك بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئاساسلىقى كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن ئېيتقاندا، مەزى بېزى ياللۇغى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن باشقا، يەنە پىسخىكىلىق نورمالسىزلىق، دورىلارنىڭ غىدىقلىشى، توغرا بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
دوۋساق ياللۇغىنى ئاساسلىقى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى، شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيە، تۇبېركۇليوز قاتارلىقلار بار.

كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتە، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز بولۇپ، دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرىدىن باشقا، بىماردا كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

دوۋساق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار سىيگەندە سۈيدۈك يولى كۆيگەندەك سېزىم بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، قان سىيىش ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، سۈيدۈك دۇغلىشىدۇ، دوۋسۇن سۆڭىكى ئۈستىدىكى دوۋساق رايونى يېنىك دەرىجىدە بېسىلىپ ئاغرىيدۇ، بىمارلار بۇنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئۆزى پەرقلەندۈرەلمىسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17879421.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-21 / 10:33:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ