ئانا سەھىپەرەسىملەرتېخنىكا ئۇسۇللاركانايدا نەرسە تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ - خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

كانايدا نەرسە تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ – خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كانايدا نەرسە تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ بۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىڭ

 

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مەيلى بوۋاقلار، بالىلاردا بولسۇن ياكى چوڭلاردا بولسۇن، نەپەس يولىغا يات نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىپ تۇنجۇقۇپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نەپەس يولى توسۇلۇپ قالسا، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ، بۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا يۈگۈرسەكمۇ، ئۈلگۈرەلىشىمىزمۇ ناتايىن، شۇڭا بۈگۈن بىرلىكتە توغرا بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى − خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالايلى.

 خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟

  • خېيملىك ئۇسۇلى، خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى
  • heimlich maneuver, Abdominal thrusts
  • 海姆立克急救法或海姆立克法

 خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى نەپەس يولىدا تۇرۇپ قالغان نەرسىنى چىقىرىۋېتىدىغان بىر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: قۇتقۇزغۇچى نەپەس يولىدا نەرسە تۇرۇپ قالغۇچىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئىككى بىلىكى بىلەن قورساق قىسىمىنى قۇچاقلاپ، بىر مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئالىقان تەرىپىنى ئىچىگە قارىتىپ نەپەس يولىدا نەرسە تۇرۇپ قالغۇچىنىڭ كىندىكى بىلەن قوۋۇرغىسى ئوتتۇرىسىدىكى قىسمىنى باسىدۇ، يەنە بىر قولىنى مۇشتۇمنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى قولنىڭ كۈچى بىلەن تېز سۈرئەتتە قورساق قىسىمنى ئىچىگە قارىتىپ باسىدۇ، بۇ ھەرىكەتنى تاكى توسۇلۇپ قالغان نەرسە قۇسۇپ چىقىرىلغىچە تەكرار ئىشلىسە بولىدۇ.

 خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى كىم كەشىپ قىلغان؟

 «خېيمرىك قورساق قىسمىغا زەربە بېرىش ئۇسۇلى»نى 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئامېرىكىدىكى خېيمرىك ئىسىملىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، «ھاياتنىڭ قۇچاقلىشى» دەپمۇ ئاتالغان.

 ئادەم بەدىنىنىڭ قورساق بوشلۇقى ۋە كۆكرەك بوشلۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر دىيافراگما مۇسكۇل بار بولۇپ، قورساقنى باسقاندا قورساق قىسىمنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، دىيافراگما مۇسكۇلىنى يۇقىرىغا سىقىدۇ، كۆكرەك بوشلۇقى سىقىلغاندىن كېيىن ئۆپكىدىكى قالدۇق گازلار ھاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق كاناي ئىچىدىكى يات ماددىلار چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن.

 ئادەم بەدىنىنىڭ كاناي ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى

 ئادەم بەدىنىنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىدا ئىككى مۇھىم ئېغىز بار، بىرى ئالدى تەرەپتىكى كاناي ئېغىزى، يەنە بىرى ئارقا تەرەپتىكى قىزىلئۆڭگەچ ئېغىزى. نورمال ئەھۋالدا بىزنىڭ كانىيىمىزدىن پەقەت ھاۋالا ئۆتەلەيدۇ، كاناينىڭ ئېغىزىدا بىر قوغداش قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، شەكلى قالپاقنىڭ لەمپىسىگە ئوخشايدۇ، بىز بۇنى كېكىردەك قاپقىقى دەپ ئاتايمىز.

 بىز بىرەر نەرسىنى يۇتقاندا، كېكىردەك قاپقىقى كاناينىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا يېمەكلىكنىڭ قىزىلئۆڭگەچكە كىرىشىگە، كانايغا خاتا كىرىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، مەسىلەن، تاماق يېگەندە يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلساق، كۈلسەك، يېپىلغان كېكىردەك قاپقىقى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، يېمەكلىك كانايغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك كاناينى پۈتۈنلەي توسۇۋالسا، بىمار نەپەسلىنەلمەيدۇ، ئادەتتە ئىككى قولى بىلەن بوينىنى چاڭگاللاش، چىرايى كۆكىرىش، ئاۋاز چىقىرالماسلىق ۋە يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھاۋا يولى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالغاندا خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىمار يۆتىلەلىسىلا، كانايدىكى نەرسىنى يۆتىلىپ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك، زۆرۈر بولسا يەنە كاناي ئەينىكى ئارقىلىق يات نەرسىنى ئالغۇزۇۋېتىشىمىز كېرەك.

 مەشغۇلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى بىلىۋالايلى

 «مۇشتۇم، شاپىلاق، قايچا» – خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

 «قايچا»

 ئىككى بارماقنى جۈپلەپ، يېپىق قايچىغا ئوخشاش ھالەتكە ئەكېلىمىز. خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنىڭ بېسىش نۇقتىسى كىندىكنىڭ ئۈستىدىكى ئىككىلىك ئورۇندا بولۇپ، ئالدى بىلەن بىمارنىڭ كىندىكىنىڭ ئورنىنى تېپىپ، ئاندىن ئىككى تال جۈپلەنگەن بارماقنى كىندىكنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ، بېسىش نۇقتىسىنى تېپىۋالىمىز.

 «مۇشتۇم»

 بىر قولدا مۇشتۇمنى تۈگۈپ، باش بارماقنىڭ يان تەرىپىدىكى مۇشتۇم كۆزىنى بېسىش نۇقتىسىغا قويىمىز.

 «شاپىلاق»

 يەنە بىر قولىمىز بىلەن مۇشتۇمىمىزنى چاڭگاللايمىز، ئاندىن يۇقىرىغا، ئىچىگە قاراپ كۈچەپ، بىمارنىڭ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىغا زەربە بېرىمىز.

 مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خېيمرىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنىڭ قول مەشغۇلاتى ۋە تەسىر ئورنىنى ئەستە ساقلىۋالساق بولىدۇ.

 ئوخشىمىغان ئەھۋالدا قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

 قۇرامىغا يەتكەنلەرنى جىددىي قۇتقۇزغاندا

 بىمارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئىككى قولىمىز بىلەن بېلىنى قۇچاقلاپ، بىر مۇشتۇمىمىزنى تۈگۈپ، باش بارمىقىمىز بىلەن بىمارنىڭ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنى تىرەپ تۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە ئىچىگە، يۇقىرىغا قاراپ كۈچەپ، بىمارنىڭ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىغا زەربە بېرىمىز، بىر قېتىمدا بولمىسا، بىر نەچچە قېتىم كۆپرەك سىناپ باقساق بولىدۇ.

 

 بوۋاق بالىلارنى قۇتقۇزغاندا

 بىر قولىمىز بىلەن بوۋاقنىڭ مەيدىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، يۈزىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، بېشىنى ساغرىسىدىن تۆۋەن ھالەتكە ئەكېلىپ، يەنە بىر قولىمىز بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شاپىلاقلايمىز.

 

 بىمار ھۇشىدىن كەتكەن ئەھۋالدا

ئىككى پۇتىنى كېرىپ، بىمارنىڭ بېلىدە مىنىپ ئولتۇرۇپ، بىر مۇشتۇمىمىزنى تۈگۈپ، ئىككى بىلىكىمىزنى تۈز سوزۇپ، كۈچەپ ئالدىغا، تۆۋەنگە قارىتىپ ئۈستۈنكى قورساقنى باسىمىز.

 ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش توغرا كەلگەندە

 ئۆزىمىز قورسىقىمىزنىڭ يۇقىرى قىسمىنى مۇشتۇمىمىز بىلەن باسساقمۇ، قورسىقىمىزنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئورۇندۇق يۆلەنچۈكى، ئۈستەل گىرۋىكى، رېشاتكا قاتارلىق جايلارغا تىرەپ، تەكرار كۈچەپ باسساقمۇ بولىدۇ.

 قانداق ئەھۋالدا كانايدا ئاسان نەرسە تۇرۇپ قالىدۇ؟

 كىچىك بالىلار، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئايىغى چىققان ئىككى ياش ئەتراپىدىكى بالىلاردا كانايدا نەرسە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بالىلارنىڭ كانىيى بىلەن قىزىلئۆڭگىچى كېسىشىدىغان كېكىردەك قاپقىقى كۆمۈرچىكى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمايدۇ. چوڭلار ئەگەر بالىغا خاسىڭ مېغىزى، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بەرسەك، كىچىك بالىلار دائىم ئاغزىدا نەرسە يەپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان، يىغلايدىغان، كۈلىدىغان بولغانلىقتىن كېكىردەك قاپقىقى كۆمۈرچىكى بۇنىڭغا ماسلىشالماي، يۇتقان يېمەكلىك كانايغا كىرىپ كېتىپ، كانايدا يات ماددا تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 بالىلار قىزىقىشتىن تەڭگە پۇل، تۈگمە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىپ سالىدۇ، مۇشۇ ئېھتىياتسىزلىقتىنمۇ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، تاماق يېگەچ سىن كۆرسە، پاراڭلاشسا، كۈلۈشسە ياكى تاماقنى بەك تېز يېسە، ئاسانلا قېقىلىپ يۆتىلىش ياكى كانايغا يات ماددا كىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ياشانغانلار كېسەل سەۋەبىدىن ئۇزاق يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، يۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەگەر ئاسان يۇتقىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تاڭيۈەن، يۆبىڭ، موما قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا كانايدا يات ماددا تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 كانايدا نەرسە تۇرۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟

 يېمەكلىكنى ئۇششاق توغراش؛ تولۇق چايناش كېرەك.

 ئېغىزدا يېمەكلىك بار ئەھۋالدا، قاتتىق كۈلۈش، گەپ قىلىش، مېڭىش ۋە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 بالىلارنىڭ كىچىك ئويۇنچۇقلارنى ئاغزىغا سېلىشىغا يول قويماسلىق، بەك كىچىك زاپچاسلارنى بالىلارنىڭ ئوينىشىغا بەرمەسلىك كېرەك.

ئاقسۇ ئاخبارات تورى
مەنبە:ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى
مەنبە تور ئادرىسى: http://wwtp.aksxw.com/html/shzx/20240206/55713.html

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
8
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-02-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-02-11 / 08:11:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ