ياز كېلىشكە باشلىدى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بالىلارنى باغچىغا ئېلىپ چىققاندا ياۋا ھايۋانلار مەسىلەن ياۋا مۈشۈك، ياۋا ئىتلار بىلەن يېقىنلاشقاندا بەك دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتا ئانىلارمۇ بەك دىققەت قىلىپ قويۇڭلار. تۈركىيە دىكى كۆپىنچە كوچا ئىتلىرىغا، مۈشۈكلىرىگە غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملەيدۇيۇ ئەمما سىزگە يولۇققان بۇ ھايۋانغا ئەملەندىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. كۆپىنچە ئىتلارغا غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى يىلدا بىر قېتىم ئەملىنىپ، قۇلىقىغا ھالقا تاقىلىدۇ، مۈشۈكلەرگە ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن قۇلىقىغا كىچىك بەلگە قىلىپ قوياتتى، ئەمما ھەممىسىگە قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن.
غالجىر كېسىلى
kuduz hastalığı
rabies disease
狂犬病
غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى
kuduz aşısı
rabies vaccine
狂犬疫苗
ئەگەر بۇ ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن، بەدىنىدە غالجىر كېسىلى ۋىرۇسى بار ھايۋانلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، شۆلگىيى بىر ئادەمنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يارىسىغا يۇقۇملىنىپ قالسا، بىمار بەدىنىدە يۇقىرى ئىھتىماللىقى بىلەن غالجىر كېسىلى كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك بىر ھەپتىدىن تارتىپ بىر ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا ھاياتقا خەۋىپ يېتىدۇ. بۇخىل ئەھۋال كۆپىنچە ئىت مۈشۈكلەرنىڭ چىشلىشى، ۋە شۇ ئارقىلىق ئاغزىدىكى شۆلگىيى يارىغا كىرىپ كېتىشى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ.
شۇڭا ئەگەر كوچىدىكى مۈشۈك ياكى ئىتلار چىشلىۋالسا، مەيلى يارا كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن، ھايۋانلىرىنىڭ قۇلىقىدا بەلگە بولسۇن بولمىسۇن، چوقۇم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشىغا بېرىپ غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىڭ. ۋاقتىدا ئالدىنى ئالساق كىچىك چىقىم بىلەنلا چوڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى تۈركچە قۇددۇس ئاشىسى kuduz aşısı دەپمۇ قويىدۇ. بۇنى ھەربىر رايوندا بەلگىلەنگەن دۆلەت دوختۇرخانىسىدا ئەملىنىدۇ.
بىر مىسال:
بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىسى باغچىدا ئويناۋاتقاندا ياۋا مۈشۈك چىشلىۋاپتۇ. خېلى چوڭقۇر چىشلەپتۇ، ئەمما ئاتا ئانىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن يارا يېرى ئىششىش قىزرىشقا باشلاپتۇ، بالىنىڭ بەدىنىدىمۇ ئاغرىش قىززىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ. غالجىر كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا مەيلى زۇكام بولسۇن ياكى غالجىر كېسىلى ئالامەتلىرى بولسۇن، قېرىندىشىمىزنى بالىسىنى يېقىن بولغان باكىركۆي دوكتور سادى كونۇك دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشىغا ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. قېرىندىشىمىز بېرىپتۇ ۋە ۋاكسىنا ئەملىتىپتۇ. بەدەندە چوڭ مەسىلە بولمىغاچقا، ئالدى كەينى 300 لىرا كېتىپتۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن كونترولغا چاقىرىپتۇ. قېرىندىشىمىز باشقا تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى ھەمبەھىرلىنىشكە ماقۇل بولدى. .
ۋەتەنداشلىقى بارلار بولسا ، جىددىي قۇتقۇزۇشتا ھەقسىز تەكشۈرۈلۈپ ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. ئەمما مەيلى ۋەتەنداشلىق بولسۇن بولمىسۇن، بۇنداق ئەھۋاللاردا چوقۇم شۇ كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشنى تەۋىسيە قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ كېسەللىك بالىلارغىمۇ، چوڭلارغىمۇ يۇقۇش ئىھتىماللىقى بار. شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، ئوخشاش داۋالاش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
تۆۋەندە ئىستانبۇلدىكى بۇ ۋاكسىنى ئەملەيدىغان دۆلەت دوختۇرخانىلارنىڭ تىزىملىكى.
İstanbul Bakirköy Dr.sadı Konuk Eğıtım Ve Araştirma Hastanesı …
İstanbul Tuzla Devlet Hastanesı …
İstanbul Gaziosmanpaşa Taksım Eğıtım Ve Araştirma Hastanesı …
İstanbul Şişli Hamidiye Etfal Eğıtım Ve Araştirma Hastanesı …
Maltepe Üniversitesi. …
Kozyatağı Central Hospital.
ياكى سىز توردىن تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىزدىسىڭىزمۇ سىزگە يېقىن دوختۇرخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى تاپالايسىز. باشقا دوختۇرخانىلارغا بارسىڭىز ئەملىمەيدۇ ۋە يۇقارقى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرسىگە بېرىشىڭىزنى تاپىلايدۇ.
istanbul kuduz aşısı olan hastaneler
مەزكۈر ماقالىنى ئوقۇغان قېرىنداشلار، ئەتراپىڭلاردا بالىلىرى بولغان دوست قېرىنداشلىرىڭلارغا مۇشۇ ئىشنى چاي ئىچىپ پاراڭلاشقاچ ئەسكەرتىپ قويۇڭلار.
ھۆرمەت بىلەن:
نۇرمەمەت دوختۇر