توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەتتە ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ۋاقتى 45 ياش بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 2-3 يىل، يەنە ئۇزۇنراق بولغاندا 5-10 يىل بولىدۇ. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر يېشى 50-55 ياشقىچە بولغان بولسا، كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقاشقا باشلايدۇ.
ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاخىرلاشقاندا:
1. يولدىشى بىلەن بولغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئەسلىگە كېلىدۇ؛
2. ھۆل ئىسسىق ھادىسىسى يوقىلىدۇ؛
3. كۆپ تەرلەيدىغان ئەھۋال يوقىلىدۇ؛
4. يۈرەك سىقىلىش ئەھۋالى يوقىلىدۇ؛
5. ئادەتتىكى چاغلاردىكى باش قېيىش، باش ئاغرىش ئالامىتى يوقىلىدۇ؛
6. كەيپىياتى تۇراقلىشىدۇ، ئاسان ھاياجانلانمايدىغان بولىدۇ؛
7. ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ؛
8. بوغۇم ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىق سېزىمى يوقىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇشۇ ياش باسقۇچىدا تەشۋىشلىنىش، گۇمانخورلۇق كەيپىياتنىڭ يوقالغان ياكى يوقالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ جىنسىي ھورمۇننى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/lists/91/194.shtml