ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپيۇتېر كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

كومپيۇتېر كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ، ئۈگىنىش ، تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ ، كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ

كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ : بەزى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۆزى يوغىناپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بېشى قايىدۇ ، قولى تېلىپ بېلى ئاغرىيدۇ ، تېرىسى قىچىشىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ ، نېرۋىسى ئاجىزلاپ قالىدۇ . بۇ ئالامەتلەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش مۇھىتى ياخشى بولماسلىق ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش قىياپىتى توغرا بولماسلىق ، كومپيۇتېرنى قويغان ئورۇن ئىلمي بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ .

كۆپ كۆرۈلىدىغان كومپيوتېر يىغىندى كېسەللىكلىرى : كومپيۇتېر كۆز كېسەللىكى ، كومپيۇتېر بىلەزۈك كانىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ، كومپيۇتېر نېرۋا ئاجىزلىق يىغىندى كىسەللىك ئالامىتى ۋە كومپيۇتېر تېرە كىسەللىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

1. كومپيۇتېر كۆز كىسەللىكى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئېكرانى بىلەن ئۇچراشقاندا ، كومپيۇتېر مىكرو دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە كۆزى قىچىشىدىغان ، يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىيدىغان ، قۇرغاقلىشىپ قىزىرىپ قالىدىغان ، تولا ياش ئاقىدىغان ، ھەتتا كۆزىنىڭ خىروستال تەنچىسى زىيانغا ئۇچراپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدىغان ، كۆزگە ئاق چۈشۈپ قالىدىغان ، ھەتتا نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ .

2. كومپيۇتېر نېرۋا ئاجىزلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ روھى بېسىمى زور بولغاچقا ، تەپەككۇرى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ۋە جىددى ھالەتتە بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ چاغلاردا بېشى ئاغرىيدۇ ، ئېسىلىدۇ ، بېشى قايىدۇ ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ ياكى كۆپ چۈش كۆرىدۇ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ .

3. كومپيۇتېر بىلەزۈك كانىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى : كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى بەك زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا غول ، بويۇن ، قول بېغىشلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە قېتىشىپ قالىدۇ ، ئادەم ئوڭاي چارچايدۇ ، پۇت -قوللار ئۇيۇشۇپ تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەزىلەرنىڭ بېلى ، مۈرىسى ۋە يوتىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ .ئېغىر بولغاندا خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

4. كومپيۇتېر تېرە كېسەللىكى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن دائىم شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ يۈزىگە ئەسۋە چىقىدۇ ، چىرايى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە قىزىل داغ ياكى تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قېلىپ ، چىرايىغا نوقسان يەتكۈزىدۇ .

تىببي مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۇرۇپ كومپيۇتېر كېسەللىكلىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-21 / 09:07:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ