1. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆينىڭ مۇھىتى ياخشى بولۇشى كىرەك ، يەنى ئۆي پاكىزە ، رەتلىك ، يورۇق ،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى كىرەك .

2. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزىدە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك ، يەنى ، بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىۋېتىپ ، بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يېمەسلىكى ، مەشغۇلاتتىن كىينلا قولنى يۇيۇشقا ئادەتلىنىشى كىرەك . ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىدا ناھايىتى كۆپ زەرەت بولغاچقا نۇرغۇن چاڭ – توزانلارنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالىدۇ . كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىپ بولۇپ ، يۈز – قوللارنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا يۈزگە داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ . چىرايى نۇرسىزلىنىپ تېرە كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ .
3. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك ، يەنى كومپيۇتېر ئېكرانى مەركىزى مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ كۆكرىكى بىلەن بىر تۈز سىزىققا توغرا كىلىشى ، كۆز بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 40-50 سانتىمېتىر كېلىشى ، ئەڭ ياخشىسى ئېگىز -پەسلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش لازىم . ئولتۇرغاندا ، جەينەك بىلەن مۈرە 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى ، يوتا بىلەن پۇتمۇ 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى ، چارچاشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ، مۇسكۇللارنى بوش – ئازادە تۇتۇش كېرەك .
4. يىمەك – ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرش كېرەك . مۇۋاپىق ئوزۇقلانغاندا كومپيۇتېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ. يەنى . ئەتتىگىنى ياخشى يېيىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ئادەمنىڭ كۈندىلىك زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . چۈشلۈك تاماقتا ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەن ياخشى . كەچلىك تاماقتا تالا ماددىسى كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، سۇيۇق – سەلەڭ يىمەك – ئىچمەكلىكلەرنى يەپ – ئىچىش كىرەك . كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلار تەركىبىدە ۋىتامىن Aماددىسى كۆپ بولغان قوي ، توخۇ ، جىگىرى ، قارا گۆش ، سۈت ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەسەي ، دۇفۇ ، پۇرچاق ، ماش ئۈندۈرمىسى ، چىلان ، سەۋزە قاتارلىقلارنى يەپ بىرىشى كىرەك .
5. دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش ، ئىشلەش بىلەن دەم ئىلىشنى بىرلەشتۇرۇش كىرەك . كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۋالماسلىقى ،ھەر بىر سائەتتە ئون مىنۇت دەم ئېلىشى ، ئىشخانىدىن سىرتقا چىقىپ ، كۆز گىمناستىكىسى ئوينىشى لازىم . ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى ، رادىئو گىمناستىكسى ئوينىشى، ئاستا يۈگۇرۈش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم . مۇشۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېر نىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ .