ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىمېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلار

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلام بولمىغان قىلمىشلار تۆۋەندىكىدەك:

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلار

1. دائىم تاماكا چېكىش

تاماكا ئىسى تەركىبىدە كاربون چالا ئوكسىد بار بولۇپ، ئۇ بىر خىل يوشۇرۇن ئەجەللىك گاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئوكسىگېننىڭ باشقا ئەزالارغا، جۈملىدىن چوڭ مېڭىگە ئېلىپ بېرىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن ھۈجەيرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

2. ئىسپىرتنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش

دائىم ھەپتە ئاخىرىدا ھاراق ئىچىش چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ھەمدە مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى %40 تۆۋەنلىتىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز.

 

3. ھاشارات يوقىتىش دورىلىرى بىلەن دائىم ئۇچرىشىش

بىز دائىم سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەردە كۆپ مىقداردا ھاشارات يوقىتىش دورىسى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى بار، بۇ دورىلار مېڭە ھۈجەيرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

4. ھاۋا بۇلغىنىش

ئۆپكە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى نەپەس يولىنىڭ داۋاملىق ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوكسىگېننىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە يېتىپ بارالماسلىقىدىن مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 

5. كېچىلىرى ئۇخلىماسلىق

ئۇزۇن مەزگىل كېچىلىرى ئۇخلىماسلىق ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى كېچىلىرى ئۇخلىماسلىق ئاسانلا چوڭ مېڭىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ مېڭە ۋە پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ.

 

6. ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش

ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇيقۇدىكى نەپەسنىڭ توختاپ قېلىشى ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. نەپەس توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىنىڭ ساغلام ياشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەيدۇ.

 

7. دورىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش

ئادەمنىڭ ئۆزىدە بىر يۈرۈش ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولىدۇ. ئەگەر بىئارامسىزلىق كۆرۈلسە، ئوخشاش بولمىغان ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىنكاسىنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئاز مىقداردىكى دورىنىڭ غىدىقلىشىغا تايىنىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما دورىغا ھەددىدىن زىيادە تايانغاندا ئۆزىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەبىئىي تەڭشىلىشى پۈتۈنلەي ئازىيىپ، بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى بۇزۇۋېتىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18042450.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ