سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئوسۇرۇش نورمال فىزىلوگىيەلىك ھادىسە، لېكىن بەزى كىشىلەر دائىم ئوسۇرۇشنى جىگەرنىڭ چىقارغان قۇتقۇزۇش ئىنكاسى دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ دائىم ئوسۇرۇشقا ئېغىز پۇراش، دانىخورەك چىقىش، كۆز قۇرغاقلىشىش قېتىلىپ كەلسە جىگەردىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ، ئۇنداقتا دائىم ئوسۇرۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى
ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقاندا، ھەزىم قىلىش ناچارلاشقاندا، ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئۈچەي ياللۇغى پەيدا بولغاندا ئادەم كۆپ ئوسۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. كىراخمال، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش
ياڭيۇ، كاۋا قاتارلىق بەزى يېمەكلىكلەر ئۈچەيدە يەل پەيدا قىلىپ ئوسۇراش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. تاماق يېيىش ئادىتى ناچار بولۇش
تاماقنى زىيادە تېز يېيىش، چايناش سۈرئىتى تېز بولۇش، تاماق ئارىلىقىدا سۇ ئىچىش قاتارلىق ئادەتلەرمۇ كۆپ ئوسۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىگەردە ھەقىقەتەن مەسىلە كۆرۈلگەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەندە ئۇيقۇ ناچارلىشىش، تېرە نۇرسىز بولۇش، ئېغىز ئاچچىق بولۇش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلارنى قىلدۇرۇش لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17798201.shtml