ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىبەل ئاغرىسا ئالدىراپلا CTدا تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق

بەل ئاغرىسا ئالدىراپلا CTدا تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نۇرغۇن كىشى بەل ۋە دۈمبە ئاغرىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، كۆپ ساندىكى بەل ئاغرىقى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە بولۇپ، ئالاھىدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. بېلى ئاغرىيدىغانلار ئالدى بىلەن بېلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئاغرىغانلىقىغا، قايرىلىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، بەل قىسمىغا سوغۇق ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ياكى داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئاغرىق دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، بەل ئاغرىقىنىڭ ئورنى ۋە خاراكتېرىنى ئېنىق دېيىش كېرەك. مەسىلەن، نوقۇل بەل ئاغرىقىمۇ ياكى پۇتلارمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىدىمۇ، پۇتىمۇ ئۇيۇشامدۇ، دىگەندەك.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىيادە مېڭىش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، داۋاملىق ماڭالماسلىق، بىردەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭالايدىغان بولۇش قاتارلىقلار ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. دوختۇر بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن زۆرۈر فىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر بەل ئومۇرتقىسىدا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، بەل ئومۇرتقا نەيچىسى تارىيىش، بەل ئومۇرتقا تۇبۇركۇليۇزى قاتارلىق مەسىلىلەر بار دەپ گۇمان قىلىنسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

بەل، دۈمبە ئاغرىش دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپ ھاللاردا مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ياكى دورا ئىشلىتىش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالىغاندىن كېيىن، ئاغرىق پەسىيىدۇ، ئاز ساندىكى ئاغرىقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋالىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بەل ئومۇرتقىسى CTسى ۋە يادرو ماگنېتىك رېزونانىسى نەزەرىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئىلغار، ئاغرىقلارنىڭ نەزەرىدە «تېخىمۇ ياخشى» تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە رېنتىگېن ناھايىتى ياخشى بولغان ئاساسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇرتقا تىزمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردەتېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاغرىق «قىممەت بولغىنى ياخشى» دېگەن خاتا قاراشتىن قۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق تەكشۈرتۈش تۈرىنى تاللىشى كېرەك.بەل ئومۇرتقىسى CTسى سۆڭەك خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىش جەھەتتە يادرو ماگنىت رېزونانىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئوپراتسىيە پىلانىنى تۈزگەندە، بەل ئومۇرتقىسى CTسىدىن پايدىلىنشقا توغرا كېلىدۇ.ئەمما، سۈرەت ئىلمىدىكى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش «بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى»گە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، %50تىن ئارتۇق بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىشنىڭ ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامىتى بولمايدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقى ئاغرىقلىرى ئادەتتە قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ياخشى ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېگىزلىكى ماس كېلىدىغان ئورۇندۇقلارنى تاللاپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنى ساقلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت سافادا ئولتۇرۇش، پاكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، ئادەتتە 30-40 مىنۇت ئەتراپىدا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئارام ئېلىش، جىددىيلەشكەن مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، بەلنى سوزۇش، بەلنى ئېگىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئارىلىقتا 2-3 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك. ئۇخلىغاندا قاتتىقلىقى مۇۋاپىق كارىۋات تاللاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇخلىغاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياخشى ئەگرىلىك دەرىجىسىنى ساقلاپ، مۇسكۇل، تارىمۇش قاتارلىق قۇرۇلمىلار راھەت بولىدۇ، بەك يۇمشاق كارىۋات بەل قىسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن بەل ۋە دۈمبە تېلىپ ئاغرىيدۇ.

بەل ۋە دۈمبە قىسمغا سوغۇق ۋە نەم ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نەرسە يۆتكىگەندە تەييارلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق بەدەن قىزىتىش، تۇيۇقسىز ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىمەسلىك كېرەك، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپنەرسە-كېرەكلەرنى يۆتكىگەندە، بەلنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.

بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنى مەخسۇس چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش. ئىشىكتىن چىقىپلا ماشىنىغا ئولتۇرماسلىق، ئۆيگە قايتىپلا سافادا يېتىۋالماسلىق كېرەك. ئاكتىپ چېنىقىش پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 01:16:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ