راك كېسىلىنى تىلغا ئالساق، بۇ بىز ھەممىمىز ئۆچ كۆرىدىغان كېسەللىك، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ ئاتىلىدۇ، گەرچە بۈگۈنكى كۈندە پەن-تېخنىكا ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، تېببىي ساھەمۇ بارغانسېرى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى تۈپ يېلتىزىدىن داۋالىغىلى بولمايدۇ ياكى داۋالاش تەس، بولۇپمۇ راك كېسىلى.
بۈگۈن بىز دۇنيادىكى راك كېسىلى بولمىغان بىردىنبىر دۆلەت ئۈستىدە توختىلىمىز.
فىجىنىڭ يەنە بىر ئىسمى فىجى ئارىلى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى، بۇ يەرنىڭ دۇنيادىكى ئون چوڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلىنىڭ بىرى دېگەن گۈزەل نامى بار، كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ۋە ئاسمان گىرەلىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئارالدا 900 مىڭدەك ئادەم ياشايدۇ، لېكىن بۇ يەردە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق بولۇپ، فىجى دۇنيادىكى بىردىنبىر راك كېسىلى يوق دۆلەت بولۇپ قالغان.
بۇ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەڭپۇڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتە بىرەر تۈپمۇ ئالما دەرىخى يوق. شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن، فىجى ھۆكۈمىتى ئالمىنى چېگرادىن ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىمە چىقارغان، ئەمما تاموژنا ئورگىنىدا ئالمىنى ئېلىپ كىرگەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، چوقۇم ئۇنى يەپ تۈگىتىش ياكى تاشلىۋېتىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۆلەتنىڭ ئالما ئېلىپ كىرىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى بەك غەلىتە ئىكەن دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ مىۋىلەر ئارقىلىق ھاشارەت لېچىنكىلىرى، قۇرت تۇخۇملىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىۋېلىشىدىن قورقىدۇ، ئەگەر ئېھتىيات قىلمىسا، چىگرىدىن كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى زىرائەتلەر ئىكولوگىيەلىك كىرزىسنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بۇنداق تەلەپ ناھايىتى ئورۇنلۇق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىشقا قارىتا سىزنىڭ قانداق پىكىرىڭىز بار؟
بۈگۈنكى ئون مۇھىم خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: