مەيدە ئېچىشىش بىر خىل بىئاراملىق تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە كۆكرەك قىسمى ياكى ئۈستۈنكى قورساق قىسمى ئوتتەك قىزىش، سانجىپ ئاغرىش ياكى ئاغرىق سېزىمى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە: مەيدە يانغاندەك ئىچىشىش
ئىنگىلىزچە: Burning feeling in the heart
خەنزۇچە: 烧心
تۈركچە: Kalpte yanma hissi
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەيدە ئېچىشىشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن، ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ:
1. ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كېسىلى ( GERD ):بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەيدە ئېچىشىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى قىزىلئۆڭگەچكە تەتۈر ئېقىپ كىرگەندە، مەيدە قايناش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.
2. قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى:قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەيدە قايناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. ئۆت ياللۇغى ياكى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى:بۇ كېسەللىكلەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازانغا تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەيدە ئېچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. قىزىلئۆڭگەچ سپازمىلىنىش:قىزىلئۆڭگەچ سپازمىلىنىش قىزىلئۆڭگەچ مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، مەيدە قايناش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. باشقا بەدەن كېسەللىكلىرى:مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ مەيدە قايناش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەيدە ئېچىشىشنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشتا، ئالدى بىلەن كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراش ۋە بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇمكىن بولغان كېسەللىك سەۋەبىنى بېكىتىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولىنى ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش:قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىدۇ.
2. X ياكى CT سكاننېرلاش:ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كېسىلىنىڭ دەرىجىسى ۋە باشقا مۇمكىن بولغان كېسەللىك سەۋەبىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
3. 24 سائەتلىك قىزىلۆڭگەچ pH تەكشۈرۈشى:قىزىلۆڭگەچ ئىچىنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ، ئاشقازان قىزىلۆڭكەچ ياندۇرۇش كېسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
داۋالاش لايىھىسى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەيدە قايناشقا قارىتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ:يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئاچچىق يېمەكلىك، كوففېئىن ۋە ئىسپىرتتىن ساقلىنىش؛ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش؛ يېتىشتىن ياكى بېلىنى ئەگكەندىن كېيىن دەرھال تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش؛ كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار. باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەيدە قايناشنى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن داۋالاش كېرەك.