توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۈرەكتىن مەسىلە چىقسا، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
1. ئازراق چارچىغاندا ياكى روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، كۆكرەك ئالدى قىسمى سىقىلىپ ئاغرىيدۇ ياكى قىسىلغاندەك ئاغرىيدۇ ھەمدە بۇ خىل ئاغرىق سول مۈرە، ھەتتا سول يۇقىرى بىلەككىچە داۋاملىشىدۇ، ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ، ئارام ئالغاندىن كېيىن پەسىيىدۇ.
2. ھەرىكەتتىن كېيىن دەم سىقىلىش، يۈرەك سىقىلىش، كۆكرەك قىسمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ.
3. ھەرىكەتتىن كېيىن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، پۇت ئاغرىش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.
4. تاماقنى بەك كۆپ يېگەندە ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا ۋە ياكى چۆچۈپ كەتكەندە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆكرەك ئاغرىش، يۈرەك سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
5. كەچتە ئۇخلىغاندا نورمال ياستۇقنى ئىشلەتكەندە، دائىم مەيدىسى چىڭقىلىپ، دېمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەگەر ياستۇقنى ئېگىزرەك قويسا راھەت ھېس قىلىدۇ.
6. كۈچەپ تەرەت قىلغاندا كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس تېزلىشىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
7. ئەتراپتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى ئاڭلىغاندا، مەيدىسى سىقىلىش، يۈرىكى سېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
8. دائىم سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۈرەك سوقۇشى زىيادە تېز بولۇش ياكى تومۇر سوقۇشى تەكشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17826490.shtml