قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قان شېكىرىنى تەكشۈرىمىز؟
1) كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش.
2) ھېرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز تورلىشىش.
3) ئاسانلا يۇقۇملىنىش ياكى يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق.
4) پۇتى ئۇيۇشۇش ۋە ئاغرىش.
5) تېرىگە چىيقان چىقىش، تېرە ۋە جىنسىي يول ئەتراپى قىچىشىش.
6) جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاش.
7) تاماقتىن ئىلگىرى ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، قول-پۇتى تىترەش، قورساق ئاچقاندەك بولۇش قاتارلىق قان شېكىرى تۆۋەنلىك كۆرۈلگەندە.
8) سېمىزلەر ۋە سېمىزلىك تارىخى بارلار.
9) چوڭ تۇغۇش، بويىدىن ئاجراش، باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىش، ھامىلە بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىش تارىخى بارلار.