كانايچە ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى كانايچىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى ( COPD ) ،زىققا قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدە يۈز بېرىدۇ.
ئۇيغۇرچە: كانايچە ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش
ئىنگىلىزچە: Increased bronchial secretions
خەنزۇچە: 支气管分泌物增加
تۈركچە: bronşiyal sekresyon artması
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كانايچە ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
1. يۇقۇملىنىش ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش كانايچە شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
2. زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى بەزى كىشىلەر گۈل چېڭى، چاڭ – توزان، ھايۋانات تېرىسى قاتارلىق ماددىلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتسە، نەپەس يولى ياللۇغى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
3. مۇھىت ئامىلى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، ئىس – تۈتەك قاتارلىق ئامىللارمۇ كانايچە شىللىق پەردىسىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.X رېنتگېندە تەكشۈرۈش:ئۆپكە قۇرۇلمىسى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
2.CT تەسۋىر كۆچۈرۈش:ئۆپكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدۇ.
3. كانايچە ئەينىكىدە تەكشۈرۈش كانايچىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى، جۈملىدىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق. بەزى يېنىك دەرىجىدىكى كانايچە ئاجراتمىلىرى كۆپەيسە ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىش ياكى سۈمۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؛ ئېغىر ئەھۋالدا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، ھەمدە ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق قوشۇمچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كانايچە ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىمۇ قاراتمىلىق ھالدا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.