نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاش جەريانىدا ئوخشاش بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ: تاماقنى ئىنتايىن ئاز يېسىمۇ، ھەتتا ئاچ يۈرسىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تاتلىق بىر نۇقتىدا توختاپ قالىدۇ ياكى ئەكسىچە ئۆرلەپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن تاماقنى كونترول قىلسىڭىزمۇ ئورۇقلىيالمايسىز؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى مېتابولىزىمنىڭ زەخىملىنىشى ۋە بەدەننىڭ ماسلىشىش مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماقالىدە بۇ جەرياننىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ.

مېتابولىزىمنىڭ ماسلىشىشچانلىقى دىگەن نېمە؟
بەدەن بىر مۇرەككەپ بىئولوگىيەلىك سىستېما بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ھاياتلىقنى ساقلاش. سىز تۇيۇقسىز كاللورىيەنى زىيادە كېمەيتكەن ۋاقتىڭىزدا يەنى تۇيۇقسىز تاماقنى ئاز يىگەن ۋاقىتىڭىزدا، بەدىنىڭىز سىزنى ئورۇقلاۋاتىدۇ دەپ ئەمەس، بەلكى «ئاچارچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلدى» دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، بەدەن ئېنىرگىيە تىجەشلىك ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇ جەريان تىبابەتتە مېتابولىزىمنىڭ ماسلىشىشچانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. سىز يېگەن ھەر بىر چىشلەم تاماقنى بەدەن تېجەپ ئىشلىتىشكە باشلايدۇ، چۈنكى ئۇ كېيىنكى قېتىم قاچان تاماق كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشقاندا، مېتابولىزىم سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سىز ئىلگىرى 2000 كاللورىيە بىلەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلىغان بولسىڭىز، ئەمدى بەدەن 1200 كاللورىيە بىلەنمۇ سەمىرىشكە باشلىشى مۇمكىن. چۈنكى بەدەننىڭ ئىچكى ئەزالارنى ئىشلىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ۋە ھۈجەيرىلەرنى يېڭىلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارى ئازىيىپ كەتكەن بولىدۇ.
مېتابولىزىم زەخىملىنىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى
ئەگەر سىز ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق ئاچلىق ھالەتتە بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر سىزنىڭ مېتابولىزىم سىستېمىڭىزنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن:
- دائىم چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ۋە ئۇيقۇسىراش ھېس قىلىش.
- بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، يەنى باشقىلار سوغۇق دېمىگەن مۇھىتتا دائىم مۇزلاپ كېتىش.
- ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاستىلىشى، قەۋزىيەت ياكى قورساق كۆپۈش مەسىلىلىرى.
- چاچ چۈشۈش، تىرناق ئاسان سۇنۇش ۋە تېرە قۇرغاقلىشىش.
- روھىي جەھەتتىن تېز سۈرئەتتە تېرىكىش، تەشۋىشلىنىش ۋە تاماققا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى ھەۋەس.
يېقىنقى تىببىي تەتقىقاتلار نېمە دەيدۇ؟
ئورۇقلاش جەريانىدىكى بۇ قىيىنچىلىقلار زامانىۋى تېبابەتنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىدۇر. 2022-يىلى «Journal of Clinical Endocrinology & Metabolism» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنتايىن تۆۋەن كاللورىيىلىك يېمەكلىك بەدەندىكى تېنچلىق ھالىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى% 15 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. بۇ تەتقىقات يەنە ئورۇقلاش جەريانىدىكى بۇ ماسلىشىشنىڭ بىر نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى بەدىنىڭىزنىڭ بىر خىل قوغدىنىش ئىنكاسىدۇر.
ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ رولى
مېتابولىزىم پەقەت بىر سان ئەمەس، ئۇ ھورمون كونتروللۇقىدىكى بىر جەريان. ئاچ يۈرگىنىڭىزدە بەدەندىكى لېپتىن (تويۇش ھورمۇنى) تۆۋەنلەپ، گرېلىن (ئاچلىق ھورمۇنى) ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇ سىزنى ھەر ۋاقىت تاماق ئويلاتقۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قالقانسىمان بەز ھورمونلىرىنىڭ چىقىرىلىشى ئازىيىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
بۇ جەرياندا كورتىزول (بېسىم ھورمۇنى) مىقدارىمۇ ئۆرلەيدۇ. كورتىزولنىڭ يۇقىرى بولۇشى قورساقتىكى ماينىڭ يىغىلىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە مۇسكۇللارنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇسكۇل ئازايغاندا، بەدەننىڭ تىنىچ تۇرغاندىكى ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش قابىلىيىتى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
مېتابولىزىمنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؟
زەخىملەنگەن مېتابولىزىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاماقنى تېخىمۇ ئازايتىش ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش كېرەك. تۆۋەندىكى باسقۇچلار سىزگە ياردەم بېرىدۇ:
- تەتۈر ئوزۇقلۇق چەكلەش پىلانى قىلىش: كاللورىيەنى ھەر ھەپتە ئاز-ئازدىن كۆپەيتىش ئارقىلىق بەدەننى قايتا ئوزۇقلۇققا كۆندۈرۈش.
- مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش: ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىش ئارقىلىق مۇسكۇل ماسسىسىنى ئاشۇرۇش، بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
- ئاقسىل تولۇقلاش: يېمەكلىكتە ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرۇش، بۇ ھەم تويۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ھەم مۇسكۇلنى قوغدايدۇ.
- ئۇيقۇ ۋە بېسىمنى باشقۇرۇش: كۈندە ئاز دېگەندە 7-8 سائەت سۈپەتلىك ئۇخلاش ۋە كورتىزول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش.
ئورۇقلاش بىر جەريان، ئاچلىق ئېلان قىلىش جېڭى ئەمەس. سىزنىڭ مېتابولىزىمىڭىز سىزنىڭ دوستىڭىز، دۈشمىنىڭىز ئەمەس. ئەگەر سىز تاماقنى كونترول قىلسىڭىزمۇ ئورۇقلىيالمىغان بولسىڭىز، بەدىنىڭىزگە ئازراق ئارام بېرىپ، ئۇنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇشىڭىز كېرەك. ساغلاملىق بولغاندىلا، كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن شەكلىگە يەتكىلى بولىدۇ.


